كىتاپ ئوقۇش سالامەتلىككە پايدىلىق

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق ئىكەن. مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە راۋاج تاپىدۇ، بىكار قويسا چېكىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. دېمەك، ئورگانىزم دائىم ئىشلەپ تۇرسا، ساغلام تۇرىدۇ، ئاز ئىشلىتىلسە ياكى داۋاملىق ئىشلىتىلمىسە ساغلاملىقى چېكىنىپ كېتىدۇ. تېببىي ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئوبدان تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قېرىپ كەتكەندىمۇ، نېرۋىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. دېمەك، ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى پسىخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۇرغۇن كېسەل روھىي جەھەتتىن داۋالىنىش ئارقىلىق دورا يېمەيمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بەزى كېسەللەر روھىي ھالەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ ياكى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، ياخشى كىتابلار بىر خىل مەنىۋى دورا، روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، روھىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقىمۇ پايدىلىق، ياپونىيە نوپۇس ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار پەيلاسوپلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشى، يېزىقچىلىق قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

مەنبە: راديو تورى