ھەدىسلەردىن ئېلىنغان نەسىھەتلەر

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئېلىنغان نەسىھەتلەر


تىللىمىغىن ئاناڭنى،

ھەم ئانىسنى باشقىنىڭ.

سەۋەپ بولۇر ئاناڭنى،

تىللاشقا تىللاشقىنىڭ.


ئورغاق ھەرگىز تۈز بولماس،

ئەگىرلىكى تۈزلىكى.

خوتۇن ئەگرى قوۋۇرغا،

خىسلەت ئەقىلسىزلىگى.


دوستۇڭغا بىر تەبەسسۇم،

سەدىقىدۇر سەن ئۈچۈن.

سەۋەپ دەپ بىل جەننەتكە،

ھەر ياخشى ئىش مەن ئۈچۈن.


تەۋبە قىلغىن رەببىڭگە،

ئۇ پەيغەمبەر خسلىتى.

كۈن غەرىپتىن چىققۇچە،

بولۇر تەۋبە پۇرسىتى.


تىلغا يەڭگىل مىزاندا،

بەكمۇ ئىغىر جۈپ سۆز بار.

ھەمراھ بولسۇن زىكرۇللاھ،

ئوقۇ سەييىدى ئىستىغپار.


تاھارەت ئال بەدەندىن،

چىقار بارلىق خاتالىق.

قۇچاق ئاچار جەننەتلەر،

"شاھادەت" كە خالايىق.


سەھەر بىرىپ كەچ يانسا،

مەسجىدلەردىن ھەر كىشى.

ئاللاھ ئاڭا زىياپەت،

جەننەتلەردە بەرگۈسى.


"ھەر نامازغا بۇيرۇيتۇم

مىسۋاكلاشقا چىشلارنى".

پەيغەمبەردىن بۇيرۇق بۇ،

يۇيۇڭ چىشتىن ئاشلارنى.


دەل ۋاختىنىڭ نامازى،

ئەڭ سۆيۈملۈك ئىبادەت.

بولسا ناماز مۇكەممەل،

گۇناھلارغا كاپارەت.


ئىنسانغا زور ئىبادەت،

ئاتا ئانا خىزمىتى.

ئاتا ئاناڭ دۇئاسى،

يانار ساڭا ئۆز پىتى.


پەرزلەرگە يانداشقان،

سۈننەت ناماز ئون ئىككى.

تولۇق ئوقۇپ داۋام قىل،

جەننەتتە ئۆي سېنىڭكى.


ئىخلاس بىلەن ئىيتساڭ،

پەيغەمبەرگە بىر دۇرۇت.

ئاللاھ قىلۇر ئون رەھمەت،

بۇنى قۇلاقتا چىڭ تۇت.


ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇت،

ھېساپ بىر يىل تۇتقانغا.

ئاق كىچىلەر ھەرگىزمۇ،

ياتما ئوخلاپ يوتقاندا.


كۈندە ئوقۇ قۇرئاننى،

قىلار مەھشەر شاپائەت.

تاشلساڭ خار بولۇرسەن،

ئېسىلساڭ بار كارامەت.


 

جۈپ پەرىشتە زېمىنغا،

چۈشۈپ سەھەر توۋلايدۇ.

بېخىللارنى ۋەيران قىل،

سېخىيغا كۆپ بەر دەيدۇ.


ئىمان شەرتى دوسلۇقتۇر،

سالام دوسلۇق ئاچقۇچى.

دوستنى ئۈچ كۈن تاشلىغان،

ئۇ جەننەتتىن قاچقۇچى.


مۇئمىن يۇمسۇن ئاغزىنى،

ياكى قىلسۇن ياخشى گەپ.

بىر ئېغىز سۆز دەۋزەخكە،

ياكى جەننەتكە سەۋەپ.


راسچىل بولغىن راسچىللىق،

ياخشىلىققا باشلايدۇ.

ياخشىلىقلار ئاقىۋەت،

جەننەتلەرگە ئۇلايدۇ.


ئاللاھ ئۈچۈن دوس بولغىن،

دۇنيادا خار بولمايسەن.

مەھشەرگاھدا ئاللاھنىڭ،

سايىسىدا ئوينايسەن.


ئۇچرىتىسەن رەببىڭنى،

كىسەل يوقلاپ ئۆتكەندە،

مۇكاپاتىڭ جەننەتتۇر،

ئاجىزنى ياد ئەتكەنگە.


دېسەڭ رىزقىم كەڭ بولسۇن،

نامىم ئەلدە يادلانسۇن.

تاشلىغاننى ئىزلىگىن،

ئۇرۇق تۇققان شادلانسۇن.


ئەيبلەرنى ياپقاننى،

ئاللاھ ياپار مەھشەردە.

ئاجىزلارنى قوللىغىن،

رەببىڭ قوللار ھەر يەردە.


گۈناھ دېگەن ئازاب شۇ،

تاتىلىغان قەلبىڭنى.

خەق كۆرمىسۇن دەپ تۇرۇپ،

قىلدىڭ ئالغاچ مەيلىڭنى.


جىنازىغا ئەگەشسەڭ،

تاغدەك ساۋاپ يېتەركەن.

بىللە چىقىپ ئىبرەت ئال،

نېمە ئېلىپ كىتەركەن.


سەۋەپ بولۇر جەننەتكە،

پۇتلاشقاننى يوقاتقان.

قىلغان ئاددى ئىشتىمۇ،

مۇسۇلماننى ئويلاشقان.


دۇئا قىلسا بىر مۇئمىن،

دوسلىرىغا خىلۋەتتە.

دەيدۇ ئاڭا پەرىشتە،

ساڭىمۇ ھەم ئەلۋەتتە.


ياخشىلىققا چاقىرساڭ،

ساڭىمۇ بار ئوخشىشى.

كېمەيتمەيدۇ ھىچكىمگە،

شەپقەت ھەقنىڭ ئۆز ئىشى.


يامان ئشىنى رەت قىلغىن،

ياكى بىر ھەق گەپ قىلغىن.

ئاجىز كەلسە ئىمانىڭ،

مەيدانىڭدا چىڭ تۇرغىن.


مۇسۇلمانغا كەلگەن دەرت،

ياكى قايغۇ ئەلەممۇ.

گۇناھىغا كاپارەت،

پۇتقا كىرگەن تىكەنمۇ.


ھەسەد قىلما باتناشما،

ئۆچمەنلەشمۇ ياتلاشما.

ھەر مۇسۇلمان قىرىنداش،

خارلىما ھەم تاشلاشما.


كاپارەتتۇر ئۆمرە، ھەج،

ئارىلىقتىكى گۇناھقا.

قائىدىگە ئۇيغۇن ھەج،

لايىق جەننەت تۇراغا.


ياخشى ئىشنى كۆپ قىلغىن،

يامانلىقنى ئۆچۈرسۇن.

تاڭ كىچىلەر نامازدا،

رەببىڭ سېنى كۆچۈرسۇن.


كىمنى سۆيسەڭ ئاخىرەت،

بولۇر سېنىڭ ھەمراھىڭ.

سۆي ئاللاھ ھەم ئەلچىنى،

بىرىپ بارۇ-دۇنيايىڭ.


 

ئوخشاش دىدى ئۇنىڭدا،

قۇل ھەم جاھان سۇلتانى.