بىر قۇمانداننى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن 4 سەۋەب

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار

بايام مەسجىتكە كېلىۋېتىپ بىر راديو پروگراممىسىقا قۇلاق سالغانتىم.

پروگرامچى ئوسمانىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە 1530-يىلى توغۇلۇپ 1611-يىلى ۋاپات بولغان ۋە 1601-يىلى ئوسمانىيە خەلىپىلى بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسدا مەيدانغا كەلگەن ئورۇشتا سانى ئاز بولۇشىغا قارىماي خرىستىئان ئىشغالچىلىرىغا قارشى 70 نەچچە كۈن پۇت تىرەپ تۇرۇش ۋە تاكتىكا ئىشلىتىش نەتىجىسىدە نۈسرەتكە مۇيەسسەر بولغان تىرياكى لەقەبلىك ھەسەن پاشانىڭ خرىستىئانلارنىڭ قارارگاھىنى قولغان كەلتۈرگەندىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتقىدىن بىر نەچچە جۈملە دىققىتىمنى تارتتى. بۇنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرۇڭلىغا سۇنماي تۇرالمىدىم.

ھەسەن پاشا قارارگاھقا كىرگەندە ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. چۈنكى قارارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا 4 مېتىر چوڭلۇقىدا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن چوڭ بىر ئۈستەل، بىر تەرىپىدە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تەخت تۇرغۇدەك. ئۇلارنىڭ بۇ ئۆتكۈنچى قارارگاھىدا كۆرگەن بۇ تەخت ۋە زىبۇ-زىننەتلەر ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختىدىكى پادىشاھ سارايلىرىدىمۇ تېپىلمايدىغان دەرىجىدە قىممەتلىك تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئاۋال ئۆزى تەختكە ئولتۇرۇپتۇ، ھەمراھلىرىنىمۇ ئەتراپىدىكى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ساپالارغا ئولتۇرۇشقا بۇيرىغاندىن كېيىن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى مەغلۇب قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھقا ئىككى رەكئەت شۈكۈر نامىزى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇلارغا خىتابەن شۇنچە كۆپ ئەسكىرىڭلار تۇرۇپ سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقىنى مانا مۇشۇ زىبۇ-زىننەت ۋە كەيپى-سەفاغا بېرىلىشتۇر. بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگىنى تۆۋەندىكى تۆت نەرسە:

1-چىدامچانلىق،

2- جاپاغا چىداپ ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش،

3-بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش،

4-قۇماندانغا ئىتائەت قىلىش.

مەنبە: مورال ف م راديوسى، 18.11.2013