ناماز ئۇقۇش-ئىسلامنىڭ ئىككىنچى شەرتى

ئىسلامنىڭ ئىككىنى شەرتى

ناماز ئوقۇش


دېسەك ئىسلام بىر بىنا،

ناماز دىننىڭ تۈۋرىكى.

كاپىر، مۇئمىن پەرقى شۇ،

لازىم ھەركىم بىلمىكى.


بىر كۈندە بار بەش ناماز،

بىرىنچىسى بامداتتۇر.

باشتا سۈننەت ئاندىن پەرز،

ئىككىدىن تۆت رەكئەتتۇر.


چۈش بولغاندا پىشىن بار،

سۈننەت تۆت ھەم پەرز تۆت.

ئاخىرىدا ئىككى رەكئەت،

سۈننىتى بار ئەسلەپ ئۆت.


ئەسىر بىلسەڭ تۆت رەكىئەت،

جىكىلەنگەن قۇرئاندا.

ئوتتۇرىدىكى ناماز ئۇ،

قوغدا، يۈرمەي ھەر ياندا.


شام نامىزى مۇئمىنگە،

كەچكە تەۋە ئامانەت.

پەرزى ئۈچ، سۈننەت ئىككى،

ۋاقتى قىسقا ئىبادەت.


خۇفتەن پەرزى تۆت رەكىئەت،

ئاندىن ئىككى رەكئەت سۈننەت.

ئاڭا قوشۇپ ئۈچ رەكىئەت،

ۋىتىر ئوقۇپ ئۇخلاپ كەت.


بىر كۈندىكى بەش قىتىملىق ناماز ۋە ئۇنىڭ ۋاختىلرى قايسىلار؟


بامدات ۋاختى تاڭ يورۇپ،

تاكى قۇياش تۇققىچە.

پىشىن بولۇر چىڭ چۈشتىن،

سايە ئىككى پۈتكىچە.


ئەسىر ۋاقتى پىشىندىن،

تاكى قۇياش پاتقىچە.

ناماز شامدۇر كۈن پىتىپ،

قىزىل تولۇق يۈتكىچە.


ناماز شامدىن ئۆتسىلا،

خۇپتەن بولۇر تاڭغىچە.

ئادا قىلغىن ۋىتىرنى،

تاڭ ئاتمىسۇن ئاڭغچە.


ئىسلام دىينىدا جەمى قانچە خىل ناماز بار؟


دىينىمىزدا قانچە خىل،

ناماز باركىن بىلەمسىز؟.

ياكى مۇشۇ ياشتىمۇ،

بىلمەي بىخۇت يۈرەمسىز؟.


ھەركۈنى بەش ۋاخ ناماز،

ھەپتىدە بىر جۈمە بار.

كەچتە ۋىتىر، تەھەججۈد،

كۈن چىققاندا زۇھا بار.


مەسلىھەتچى ھەيرانغا،

ھاجەت ناماز، ئىستىخار.

ئىلىپ كىلەر ئاراملىق،

بىزگە ناماز ئىستىغفار.


خەۋىپ ناماز جەڭلەردە،

مەسىجىد ئۈچۈن تەھىييات.

يامغۇر تىلەپ ئىستىسقا،

ئىككى ھىيتتا ۋاجىبات.


كۈن ۋە ئاي تۇتۇلغاندا،

دەرت غەمدىن قۇتۇلغاندا.

ھەجگە بارسا كەئىبىنى،

تاۋاپ قىلىپ بولغاندا.


ئۇندىن باشقا مۇساپىر،

قەسىر قىلار نامازنى.

كىسەل قىلار ئىشارەت،

سېلىپ يىتىپ پالازنى.


نەفلە ئوقۇپ خالىساڭ،

تاپقىن رەببىم رىزاسى.

ساۋاپ ئالغىن قاتنىشىپ،

كەلسە مىيت نامازى.


نامازنىڭ شەرتلىرى(تىشىدىكى پەرىزلەر) قايسىلار؟


ناماز شەرتىى تاھارەت،

پاكىز يەر تاپ، ئەۋرەت ياپ.

قىبلىنى بىل، نىيەت قىل،

ۋاقتىنى بىل دەرھال چاپ.


نامازنىڭ رۇكنىلىرى(ئىچىدىكى پەرزلەر) قايسىلار؟


تەكبىر بىلەن باشلايسەن،

ئاندىن قىيام، قىرائەت،

رۇكۇ، سەجدە، قەئدە دە.

تۈگەر پەرىز ئىبادەت.


نامازنى بۇزغۇچى ئامىللار قايسى؟


ناماز پاسىد بولىدۇ،

سادىر بولسا كۆپ ھەركەت.

قەستەن تاشلاپ قويۇلسا،

بىرەر رۇكنى يا رەكئەت.


كىم نامازدا گەپ قلىسا،

ئەۋرەتلىرى ئىچىلسا.

يىسە ئىچسە يا كۈلسە،

ۋاجىپ تەرك قىلىنسا.


ئاھ ۋاھ دىسە ئىنجىقلاپ،

سالامغا جاۋاپ بەرسە.

ئىغىپ كەتسە قىبلىدىن،

ياكى يالغان يۆتەلسە.


تەيەممۇملۇق نامازخان،

ئارلىقتا سۇ كۆرسە.

سەجدە قىلغان ھالەتتە،

ئىككى پۇتنى كۆتەرسە.


ئاياللارنىڭ ئارقىدا،

ئەرلەر نامازغا تۇرسا.

ئايالدا ھەيىز باشلانسا،

يا تاھارەت بۇزۇلسا.


نامازدىكى سەجدە سەھۋە ئورۇنلىرى قايسىلار؟


سالام بەرسە نامازدا،

ئېسىدە يوق ئالدىراپ.

ئارتۇق قىلسا ۋە ياكى،

كەمدىن چەكسە ئىزتىراپ.


كىچىكتۈرسە بىر ۋاجىپ،

تاشلاپ قويسا بىر رۇكنى.

ئوتتۇرانچى تەشەھھۇد،

ۋىتىردىكى قونۇتنى.


قىلىپ قالسا پاتىھە،

ياكى سۈرە ئۇنتۇلسا.

تۆت رەكىئەتلىك نامازدا،

بەشىنچى رەكىئەتكە تۇرسا.


مەخپى يەردە ئاشكارا،

ياكى قىلسا ئەكسىنى.

سالام بىرىپ ئوڭ يانغا،

قىلىسۇن ئىككى سەجىدنى.


سادىر بولسا ئىمامدىن،

بىللە قىلار جامائەت.

جامائەتلەر ئازغاشسا،

سەجدە قىلىش بىھاجەت.


قانداق ھاللاردا نامازنى جەمى قىلىمىز؟


جەمئى قىلغىن نامازنى،

ھەجگە بارغان چاغلاردا.

مۇزدەلىپە، ئارافات،

دىگەن ئۇلۇغ تاغلاردا.


سەپەرلەرگە يول ئالساڭ،

كېسەللىكتىن زارلانساڭ.

توختىماستىن سۈيدۈكۈڭ،

تاھارەتتىن قىينالساڭ.


بوۋاق باققان ئانىلار،

قار يامغۇردا قالغانلار.

توختىماستىن خۇن كىلىپ،

كۆپ قىينالغان ئاياللار.


جەمئى قىلسۇن پىشىننى،

ئەسر بىلەن جۈپ قىلىپ.

شام خۇپتەننى جەملەيمىز،

تەرتىپ بىلەن زىچ قىلىپ.


ئسلامدا ئەر ئايالنىڭ ئەۋرىىتى قەيەر؟


ئەۋرەت ئەرگە كىندىكتىن،

تىزنى تولۇق ياپقۇچە.

ئۇزۇن كيىم مۇستەھەب،

ئەيىپ ئەمەس تاپقۇچە.


ئاياللارغا يۈز، ئالقان،

تاپىنىدىن باشقىسى.

گۆدەك، دەلدۈش، قىرىدىن،

باشقىدىن يۈز ياپقۇسى.


دىنىمىزنىڭ بەلگىسى،

ئىپپەت-نومۇس، ھايادۇر.

نومۇس قىلماس سالتاڭلار،

ئوت، ئازاپقا تويادۇر.


تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟


تاھارەتتە پەرىز تۆت،

بۇنى چوقۇم قىلىمىز.

يۈزدىن كىين ئىككى قول،

جەينەككىچە يۈيىمىز.


ئۆلچەپ باشنى توتتە بىر،

سىيپاپ مەسىھ قىلىمىز.

ھوشۇققىچە پۇتلارنى،

ئاق قالدۇرماي يۇيىمىز.


تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟


ئون ئىككىدۇر سۈننىتى،

لازىم ھەركىم بىلمىكى.

پەقەت ئازراق تالاشتا،

گەردەنگە قول سۈرمىكى.


بىسمىللاھ دەپ باشلىسۇن،

قول ھەم بىلەك قالمىسۇن.

مىسۋاك سىلىپ چىشلارغا،

ئىغىزنى ئۈچ چايقىسۇن.


بۇرۇننى ھەم ئۈچ قىتىم،

بارماقلارنى ئارچىلاپ.

ھەر ئەزانى ئۈچ قىتىم،

يۇيسۇن قايتا قايتىلاپ.


تەرتىۋىنى ساقلىسۇن،

قولنى تىقسۇن قۇلاققا.

ئوڭدىن باشلاپ نىيەتنى،

قىلسۇن پاكىز بولماققا.


تاھارەتنى سۇندۇرغۇچى ئامىللار قايسىلار؟


تاھارەتنى سۇندۇرار،

سىيمەك، چىچماق، ئوسۇرماق.

چىقسا تەندىن قان، يىرىڭ،

قۇسسا ئىغىز تولدۇرماق.


مەنى، مەزى، ئىھتىلام،

ئەر-ئايال بىرگە بولسا.

تولۇق بىخۇد ئۇخلىسا،

ھۇشسىزلانسا مەس بولسا.


غۇسلىنىڭ پەرزى قايسىلار؟


دىنىمىزدا پاكىزلىق،

ئاساسلارنىڭ ئاساسى.

جۇنۇپ بولۇپ يۇيۇنماي،

يۈرگەنلەر بولۇر ئاسى.


ئىغىزىڭنى چايقىغىن،

بۇرنۇڭغا ھەم سۇ ئالغىن.

پۈتۈن بەدەننى يۇساڭ،

پەرىز پۈتتى ئاتلانغىن.


غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟


نىيەت قىلش سۈننەت ھەم،

بىسمىللاھ دەپ باشلىماق.

بىغىشقىچە قول يۇيۇپ،

نىجاسەتنى قاشلىماق.


پاكىز يۈيۈپ ئەۋرەتنى،

ئىلىپ كىچىك تاھارەت.

ئۈچتىن يۇيساق بەدەننى،

پەرز، سۈننەتتە كامالەت.


غۇسلى قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەپلەر قايسىلار؟


ۋاجىپ بولۇر يۇيۇنماق،

ئەر ئايال بىرگە بولسا.

ئىككى ئەۋرەت بىر كىلىپ،

خەتنىگاھ غائىپ بولسا.


مەنى كەلسە لەززەتلىك،

نىپاس، ھەيزدىن پاك بولسا.

كاپىر بولۇپ مۇسۇلمان،

ئاللاھقا چىن قۇل بولسا.


جۈمە ئۈچۈن، ھەم يەنە،

ئىھىرام باغلاشتىن بۇرۇن.

ئەراپاتتاتتىن يانغاندا،

زاۋال ۋاختى كەچقۇرۇن.


تەيەممۇم دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق قىلىندۇ؟


تەيەممۇمدۇر نىيەت قىپ،

تۇپراققا قول ئۇرغىنىڭ.

يۈزگە بىر ھەم قولغا بىر،

باشتىن ئاياق سۈرگىنىڭ.


لازىم بولۇر تەيەممۇم،

سۇ بولمىغان ئەھۋالدا.

سۇ بولسىمۇ ئىشلىتىش،

مۈمكىن ئەمەس بولغاندا.


يىراق بولسا مەنزىلدىن،

ئىشلەتسە ئۇسسىز قالسا.

زىيان قىلسا ۋە ياكى،

ئارتۇقچە قىممەت بولسا.


سەن تاھارەتسىز ئەمما،

جىنازە، ھېيت، تەل بولسا.

سۇ بار جايلار سەن ئۈچۈن،

ھاياتقا خەتەر بولسا.


تەيەممۇم قىپ رەبىبىڭنىڭ،

رەھمىتىدىن سۆيۈنگىن.

ئىسراپ قىلما تامچە سۇ،

قەدىرلىگىن كۆيۈنگىن.


ھەيز نىپاس دىگەن نىمە؟ ئۇلارغا قانداق ھۆكۈم بار؟


ئاياللاردىن ھەر ئايدا،

كەلگەن قاننى ھەيز دەيمىز.

ئەڭ ئاز بولسا ئۈچ كۈنلۈك،

ئون كۈن ئۆتسە پاك دەيمىز.


نىپاس دىگەن توغۇتتا،

كەلگەن قاندۇر شەك يوقتۇر.

ئۇزۇن بولسا قىرىق كۈن،

قىسقىسىغا چەك يوقتۇر.


بۇلار جىنسى تورمۇش ۋە،

روزا، ناماز چەكلەيدۇ.

قۇرئان تۇتماس، ئوقۇماس،

مەسجىدلەرگە كىرمەيدۇ.


فىترەت (ئىنسان تەبىئىتى) بولغان ئون سۈننەت قايسىلار؟


پاكىزلىقتا ئون ئىش بار،

ئۇ ئىنسانى خىسلەتتۇر.

رەسۇلۇللاھ بۇيرىدى،

دېمەك بىزگە سۈننەتتۇر.


ساقال قويۇپ، خەتنە قىپ،

ئىجرا قىلغىن سۈننەتنى.

ئۇۋلاپ يۇيغىن بارماقنى،

سۇدا يۇيغىن ئەۋرەتنى.


بۇرۇت تىرناق، ئەۋرەت تۈك،

ئۆسسە تىغ سال، قايچىلا.

ئىغىز چايقا، بۇرۇنغا،

سۇ ماڭدۇرۇپ قايتىلا.


قولتۇق تۈكى يۇلۇنسۇن،

چىش مىسۋاكتا يۇيۇلسۇن.

ئەمەللىرىڭ مۇبارەڭ،

تاڭلا قوبۇل قىلىنسۇن.