بىزگە قانداق كىشىلەر كېرەك؟

بىزگە قانداق كىشىلەر كېرەك

تۇراجان ئابلىز دۇلان



بىز ئۇيغۇرلار ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان دۇنيانىڭ مەدەنىيەت سەھنىسىدە ئۆزىمىزنىڭ شانلىق ئىزنالىرىمىزنى قالدۇرۇپ كەلگەن، ناھايىتى قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنە، شۇنداقلا مىللىي ئەنىئەنىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدۇق ھەم بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتۇق، سۆيۈنەتتۇق. چۈنكى، بىز ئەدەپ-ئەخلاق، مىللىي غۇرۇر، شەرم-ھايانى ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك قىبلىنامىمىز قىلغان ئىدۇق.

بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىز ئۆز تارىخىمىزدىن تارىختا قالدۇرغان قىممەتلىك مىللىي ئەنىئەنىمىزدىن،مەدەنىيىتىمىزدىن يىراقلىشىشقا ۋە ياتلىشىشقا باشلىدۇق.كۈندىن-كۈنگە شەرم-ھايا، ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۇنتۇپ چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ يول ئالدۇق. سەۋەبى، ئائىلىلەردە پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدرىجى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ شەھەرلەردىن يىراق سەھرالارغىچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى تارقىلىپ كىردى ۋە بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە مىللىي ئەخلاقىمىز بىلەن ئورۇن تالىشىپ تېزلا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشكە، ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.


( 1 )


قەدىرلىك ئوقۇرمەن،تارىخىمىزغا نەزەر سالساق،ئۇزاق تارىخ مابەينىدە بىزدىن چىققان، ئاجايىپ زور نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىز ، مىللىي ئەنىئەنىمىزنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن كىشىلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ. ئېيتايلۇق، كومراجىۋا، ئەبۇ نەسىر قارابى، مەھمۇد قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، تاتاتۇڭا، ئەلشىرنەۋائىي، قېدىرخان يەركەندى، ئاماننىساخان، موللا بىلال، موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدىغان ئىپتىخارلىرىمىز ساناپ تۈگەتكۈسىز. ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئىنتايىن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

مەن تۇرۇپلا شۇنى ئويلاپ قالدىم: بۈگۈنكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋردە ئاشۇنداق ئۇلۇغۋار، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەخلاق، پەلسەپە، تارىخ قاتارلىق ساھەلەردە كامالەتكە يەتكەن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپرەك چىقىشى كېرەك ئېدىغۇ؟ بىزگە ئالىپ ئەرتۇڭا، مەختۇمسۇلا، سۇتۇق بۇغراخان، مەلىكەمۆھتەرەم خېنىم، ئىپارخان، يەتتەقىزلىرىم، سىيىت نوچى، نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، رىزىۋانگۈلگە ئوخشاش مەرتلىكنى، ئەلنىڭ بەختىنى، شەرم-ھايانى، ئەخلاق-پەزىلەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئەلسۈيەر، خەلقپەرۋەر كىشىلەر كېرەك ئېدىغۇ؟ شۇنداقلا يەنە ئاكا - ئۇكا مۇسابايوۋلار، ئايخان ئانا، ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق شەۋقى، مۇھەممەد ئەلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ۋەتەن-خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان يۇرت ئوغلانلىرى تېخىمۇ كېرەك ئېدىغۇ ؟ ئەجىبا، نېمىشقا ھەممە تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ئاشۇنداق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا كەلمەيدۇ ؟

كىچىك چاغلىرىمدا ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مۇھەممەدئەلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيتتىم ۋە ئۆزۈمگە: «بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇشۇنداق ئولۇغۋار كىشىلىرىمىز كۆپمىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى قويغاچ ئۇلاردىن چەكسىز پەخىرلىنەتتىم.

ئەپسۇس، چوڭ بولغاندىن كىيىن ئەقلىمنىڭ ، بىلىمىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرىقىغا ئوخشاش كىشىلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا ئەپسۇسلاندىم. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە پۇل تېپىپ باي بولغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار تاپقان پۇللىرىنى كەيپ-ساپا، ئەيش-ئېشرەتكە سەرپ قىلىۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە، پۇل تاپقانلار پۇلىنى قانداق خەجلىسە مەيلى، ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقى كېرەك. لېكىن، ھالاللاپ تاپقان پۇلنى ھالال، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلسا بۇلاتتىغۇ ؟ ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلارمۇ پۇل تاپقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا سودا ساھەسىدە ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان. ئەمما ، ئۇلار تاپقان پۇللىرىنى بۇزۇپ- چاچماستىن، مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان مىللىي سانائىتى ۋە مائارىپى ئۈچۈن مەبلەغ سالغان. ئەجىبا، ئۇلارنىڭ بىزدە قەرزى بارمىدى؟ ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر قەرزى بار دېيىلسە ئۇلار بىزگە مىللەتپەرۋەرلىككە قەرزدار. ھازىر پۇل تاپقانلار بىلەن مۇسابايوۋلارنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق بۈگۈنكى بايلىرىمىز پۇلنى كۆپ تاپقانسېرى ئەقلىنىڭ شۇنچە يوقلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمىكىمىز تەس ئەمەس.

مەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن كۆرگەنلىرىم ، ئۈگەنگەنلىرىم ئارقىلىق شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇملاردىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، زوردۇن سابىر، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىي، ھاياتلاردىن مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئابدۇشۈكۈر تۈردى قاتارلىق تارىخ، مەدەنىيەت،ئەدەبىيات، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئىقتىدارلىق ئالىم ، ئەدىبلىرىمىز مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندا ئىكەن. چوڭ شەھەرلەردە پۇل تاپقانلار، ھەتتا ئەقىل تاپقانلارمۇ پۇل-بايلىقلىرىنى ئەقىلگە، بىلىمگە سەرپ قىلماي، كەيپ-ساپا، ئەيش-ئېشرەت ئۈچۈن بۇزۇپ چېچىۋېتىپتۇ. 15مىلىيۇنغا يېقىن نوپۇسى بار يەھۇدىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار 2000 يىلدىن ئارتۇق سەرسانلىقنىڭ دەردىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. « نوبىل مۇكاپاتى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2001-يىلىغىچە 645 نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ 129ى يەھۇدىي بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ % 18.5 نى ئېگىلەپ دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇردى». ئۇلار تاپقان پۇلنى بىلىمگە، ئەقىلگە سەرپ قىلىپ، ئاخىرى « پۇل - بىلىم، بىلىم - پۇل» دېگەن فورمۇلىنى ئىجاد قىلدى.

ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە ئەخلاق بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە. نەزەر سالىدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە قاۋاقخانا، بىلياردخانا، دېسكوخانا، رېستۇران، قىمارخانا، تورخانا، پاھىشخانا قاتارلىق ئەيش-ئېشرەت سورۇنلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقنى،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەيپ-ساپالىق، ئەيش-ئېشرەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا باشىچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ئوقۇتقۇچۇم مۇنداق دېگەن ئېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانا 11 يىلدا ئاران پۈتكەن. ئەمما، مۇشۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ئەيش-ئېشرەت سورۇنلىرى سېلىنغان». دېمەك، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر بىزدە خەلققە پايدىلىق ئىشلارغا مەبلەغ سالىدىغانلار ئازلارپ كەتتى. ئەسلىي گەپكە كەلسەك ئوتتۇرا ياشلىق ئاتا-ئانىلار، ئەمدىلا تۇرمۇش قۇرغان ئەر-ئاياللار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز-يىگىتلەر، ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان شوپۇرلار كۈندۈزى رېستۇران، قىمارخانىلاردىن، كىچىسى تورخانا، قاۋاقخانا، پاھىشخانا، دېسكوخانلاردىن چىقالماي يۈرمەكتە.

زامانىمىزدا پۇل تاپقانلار كۆپ، ئەمما تاپقان پۇلىنى ئەھمىيەتلىك ياكى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى رازى قىلىش-قىلالماسلىق ئاشۇ پۇلغا ئېرىشكۈچى كىشىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئەخلاقى، ۋىجدانىغا باغلىق ئىش. 120 نەچچە يىل بۇرۇن ئاتۇشتا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى مەشئىلىنى ياققان ئاكا - ئۇكا مۇسابايۇۋلار، ئاتۇشنىىڭ 24 كەنتىدە 24 مەكتەپ قۇرغان مۇھەممەدئەلى تەۋپىق، 70يىل بۇرۇن غۇلجىدا مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيلىگەن ئايخان ئانا،1997 - يىلى غۇلجىدا «يىتىملەر مەكتىپى» قۇرغان نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر، خۇتەندە مەكتەپ ئاچقان رادىل ئابلا ، ئۈرۈمچىدىكى «30 مېھىرىبان ئانا»لار ئۆز پۇللىرىنى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇلار خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. ئەمما، يەنە بەزىلەر پۇلنى قانچە كۆپ تاپقانسېرى، ئەقلىنى، ۋىجدانىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى يوقىتىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلەرنى قىلىپ يۈرمەكتە.


( 2 )


2000-يىلى 9-ئاي. مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىر ھەپتىدىن كىيىنكى دەم ئېلىش كۈنىدە ياتاقداشلىرىم بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقتىم. بۇ مېنىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى بېرىشىم بولغاچقا ماڭا ھەممە نەرسە يېڭى، غەلىتە تويۇلاتتى. شۇ كۈنى مەن ئاشۇ غەلىتىلىكلەر ئىچىدىن شۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم: شەھەر كوچىلىرىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ئاجايىپ غەلىتە كىيىنىۋالغانىدى. بەزىلىرى مۈرىسى، قولتۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىنى ئاران توسۇپ تۇرىدىغان، ئىچىدىكى باغىردىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نېپىز كۆينەكلەرنى كىيىۋالغان ، ھەتتا بەزىلىرى ئەڭ نازۇك جايلىرىنى يېرىم - ياتا يېپىپ تۇرىدىغان يۇپكىلارنى كېيىۋالغاندى . يۇرتۇمدا مەن ئالىي مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرى بۇنداق ئەھۋاللار يوق ئىدى ھەم بۇ مەنزىرە ماڭا تۇنجى رەت ئۇچرىغان بولغاچقا بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلاندىم. تەنلىرىمىنى ئىختىيارسىز تىترەك بېسىپ كەتتى. « ئىسىت، تارىختا شۇنداق زور شۆھرەت قازانغان مىللەتنىڭ 21 - ئەسىردىكى ۋارىسلىرى ئەمدى چۈشكۈنلىشىشكە باشلاپتىمىز. قېنى، بىزدىكى مىللىي غورۇر، مىللىي ئەنىئەنە؟ قېنى گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتىمىز؟ بىر زامانلاردا 50 مېتىر نېرىدا بىرەر ئەرنىڭ قارىسىنى كۆرگەن ھامان يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەخلاق-پەزىلەتلىك، شەرم-ھايالىق قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ۋارىسلىرى ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرى، ھەتتا يات ئەر زاتى يېنىدا ئاشۇنداق يېرىم-يالىڭاچ يۈرىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالسا بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىن يەنە نېمە ئۈمىدلەر قالدى؟» قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ يېرىم-يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشى بىزنىڭ دۇنياغا ، جەمئىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە بولغان كۆز قارىشىمىزنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟ مېنىڭچە، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇ ئەكسچە، مىللىي ئەنىئەنىمىزنى يوقىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بىلىپ تۇرۇپ بېسىۋاتقانلىقىمىزنى، مىللىي ئەخلاقىمىزدىن ياتلىشىشقا باشلىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىز راستتىنلا مىللىي ئەخلاقىمىزدىن ياتلىشىپ، مىللىي ئەنىئەنىمىزنى يوقىتىپ قويساق ، بۇ نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال-ھە ! ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ «قىممەتلىك مىللىي ئەنىئەنىگە ئىگە، ئەدەپ- ئەخلاقلىق، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت»لىك ئوبرازىمىزغا ئېغىر داغ چۈشمەمدۇ؟

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ قايسىدۇر بىر سانىدا:«روباشكىنىڭ يوقىلىشى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەدەب-ئەخلاق قارىشىنىڭ يەنە بىر دەرىجە تۆۋەنلىگەنلىكىدۇر»دېگەن بايان بار بولۇپ، بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىغا بەكلا ماس كېلىدۇ.

2004-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى شىنجاڭ ئونۋېرىستىتىغا بىر دوستۇمنى ئىزدەپ بېرىپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا دوستۇمنى ساقلاپ تۇرسام مەكتەپ ئىچىدىن بىر قىز چىقتى. ئۇ قىز ئۇچىسىغا سېرىق رەڭلىك مايكا كىيىۋالغان بولۇپ مايكىسىنىڭ سول تەرىپىنىڭ مۈرىسى يوق ، سول كۆكسىنىڭ يېرىمى كۆرۈنۇپ قالغان ئىدى . مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە «توۋا» دەپ ياقامنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ قىز شۇنداق چىرايلىق ئىدىيۇ ، كىيىۋالغان كىيىمى ئادەمنىڭ نەپرىتىنى قوزغايتتى.

2006-يىلى6-ئاينىڭ 20-كۈنى مەن مەلۇم بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. بىردەم پاراڭلىشىش جەريانىدا تۇساتتىن ئۇنىڭ كىيىمىگە نەزىرىم چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كالتە يەڭ كۆينەك كېيىۋالغان بولۇپ، كۆينىكى شۇنداق نېپىز، ئىچىدىكى باغىرداق ۋە بەدىنىدىكى ھەممە نەرسە «مانا مەن» دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قاراڭلار، بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ. ئۇ دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرسە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىماي ئۇنىڭ كېيگەن كىيىمىنى باھالاپ ئولتۇرۇشى تەبئىي. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ دەرسى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزلىشەر – ھە!

دىمەك، يۇقىرىقى ئىككى ئەھۋال بىزگە خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن، مىللىي ئەخلاقىمىزدىن ۋە ئەنىئەنىمىز- دىن بارا-بارا يىراقلىشۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا قىزلىرىمىزنىڭ ياسىتىۋالغان چاچ پاسونى، كىيگەن كىيىملىرىگە قاراپ ئۇلارنى ئۇيغۇر قىزىمىدۇ ياكى باشقا مىللەت قىزلىرىمىدۇ دەپ تونۇيالماي قالاتتىم ۋە بەكلا ھەيران قالاتتىم : قىزلىرىمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ زىلۋا قامىتىگە شۇنچىلىك يارىشىدىغان،ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدىغان مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن چاچلىرىنى كىسىپ بۈدرە قىلدۇرۇپ، قىزىل، سېرىق رەڭلەردە بۇيىۋالىدىغاندۇ؟ دەۋرىمىزنىڭ يىتۈك شائىرى ، مەرھۇم روزى سايىت «كېسىۋەتمە ئۆرۈم چېچىڭنى» ناملىق شېئىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بوستان چاچلىرىنى كەسمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق يازغان:


چاچ ئەمەس ئۇ، باشتىكى تاج - زىننىتىڭ!

ئۇ غورۇرۇڭ ، ئەسلىي قەدىر - قىممتىڭ!

ئۇ بايلىقىڭ ، چېۋەرلىكىڭ ، ھىممىتىڭ،

ئاسىرا ئۇنى ، پەخىرلەنسۇن مىللىتىڭ،

كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!


توغرا، ئۇزۇن ئۆرۈم چاچ قىزلىرىمىزنىڭ زىننىتى. شۇنداقلا، مىللىي ئەنىئەنىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تىپىك بىر خىل شەكلى. قىزلارنىڭ قەدرى-قىممىتى ئۇلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، يۈرۈش- تۇرۇشى، ياسىنىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن بەلگىلىنىدۇ. قىزلارنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن. چاچ قىزلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرسا ئاشۇرىدۇكى،ھەرگىزمۇ يەرگە ئۇرمايدۇ. چاچلىرىنى كېسىش،ھەر خىل رەڭدە بويىۋېلىش ھازىر شەھەرلەردە كەڭ ئومۇملىشىپ كەتتى. نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال يىزا-بازارلارغا كېڭەيدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چاچلىرىنى كىسىپ، بۈدرە قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر قارىساق باشقا مىللەت قىز - ئاياللىرىدا بار ئۇزۇن چاچلار قىزلىرىمىزدا ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ .

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 5-سانىدىن مۇنداق جۈمىلىلەرنى ئوقۇغاندىم: «ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن ھەم نامرات بولغاچقا كىيىدىغان كىيىم يوق،يېرىم يالىڭاچ، ھەتتا يالىڭاچ ياشايتتى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە باي كىشىلەر ( بولۇپمۇ باي خانىم-قىزلار) ئۆزىنىڭ بايلىقىنى، ئۆز بەدىنىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان بوپكەتتى» ، «بۇرۇنقى كىشىلەر پۇل-مېلىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن پۇتىدىن تارتىپ بېشىغىچە نەچچە قات تون- سەرۇپايلارنى كىيىشەتتى. ھازىرقى كىشىلەر (خانىم-قىزلار) پۇل-مېلى (ئۆزى)نى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئانىسىدىن تۇغما ھالەتكە ئۆتۈشكە ئاز قالدى». ئويلاپ باقسام يۇقىرىقى جۈمىلىلەر بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بەكلا ماس كېلىدىكەن. شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا ئاماننىسا خاننىڭ يەركەن خان ئوردىسىدىكى خانسىدا ئولتۇرۇپ «ئەخلاقىي جەملە» ناملىق كىتابىنى يىزىۋاتقان ھالىتى، چىيەنلۇڭ خان ئوردىسىدا 20 يىل تۇرغان بولسىمۇ، خانغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي، ئاخىرى بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان، ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئىپپەت- نۇمۇسىنى، پاكلىقىنى قوغداپ تىللاردا داستان بولۇپ كەلگەن نۇزۇگۇم...... قاتارلىق پاك پەرىشتىلىرىمىزنىڭ سىماسى نامايەن بولۇشقا باشلىدى ۋە ماڭا: « ئەي ئوغلۇم، قارا قىزلىرىمىزغا، ئۇلاردا بىزدىن قالغان مىللىي غورۇر، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم-ھايادىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ » دېگەندەك تۇيۇلۇپ، نۇمۇستىن خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم . دېمەك ، « بۈگۈنكى ئاشۇ ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەردىن پاك پەرىشتىلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنۇپ قالغان ئوخشايدۇ! ».

مەن ئۆتكەندە مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە توربەتتىن نامەلۇم بىر ئاپتۇرنىڭ مۇنداق بىر شېئىرىنى ئوقۇغاندىم:

بىراق قىزلارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،

مەيلى سېتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ تىنى.

سودىگەرمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ،

قىزلارنى دەسمىي قىلىپ ئاۋۇيدۇ پۇلى.

مانا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بىر قىسىم قىز-ئاياللىرىمىز دەل يۇقىرىقى شېئىردا بايان قىلىنغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. بۇنى يەنە دەۋېرىشنىڭ ئورنى يوق. قالغىنىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئازراقلا ئويلىسا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.

«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق بىر سانىغا بېسىلغان تۇنىياز ئوسماننىڭ « دېلو قۇرلىرىدىن ئەخلاق تۈرىلىرىگە نەزەر » ناملىق ماقالىسىدە بىر ئۇيغۇر پاھىشە قىزىنىڭ بىر پۇلدار خۇجايىننىڭ قۇچىقىدا يېتىپ تۇرۇپ ئۇ خۇجايىنغا: «ئەگەر مەن ئىپارخاننىڭ ئورنىدا بولغان بولسام چىيەنلۇڭ خاننىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگەن بولاتتىم » دېگەن جۈملىلەر بار . مانا بۇ بىزنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىمىزنڭ ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، ئويلىغانلىرى. ھازىر رايونىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردىن تارتىپ سەھرالارغىچە بۇنداق سەييارە پاھىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. قارىغاندا، بىر زامانلاردا ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم- ھايانى ئۆزىگە ھەر دائىم ھەمراھ قىلغان پەزىلەتلىك قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى بۈگۈن ئۆزىنىڭ سېھرى-كۈچىنى ، قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىشقا باشلىغان ئوخشايدۇ . بولمىسا زامانىمىز قىزلىرى بۇنچىلىك چۈشكۈنلىشىپ، پۇلنى دەپ ھايا پەردىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز بەختىنى خالىغان ئەرنىڭ قۇچىقىدىن ئىزدىمىگەن بولاتتى. «قابۇسنامە»دە : «ئەگەر سەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت تاپاي دېسەڭ، شەرم - ھايانى ھەر دائىم ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل، شۇندىلا مەڭگۈ ئىززەت - ھۆرمەتلىك بولىسەن» دېيىلگەن. ئەمما ، دەۋرىمىز قىز - يىگىتلىرى شەرم-ھايا ، ئەخلاق-پەزىلەت گۈلىستانىدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ كەتتى (ئەلۋەتتە، شەرم-ھايا، ئەخلاق- پەزىلەتتە يىگانە قىز - يىگىتلىرىمىزمۇ كۆپ). 1980- يىللاردا كەچ سائەت 00: 7 دىن كىيىن سىرتقا چىقمايدىغان قىزلىرىمىز ئارىدىن بەش-ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە كىچە سائەت 00: 12-00: 1 لەردە ئاران ئۆيگە قايتىدىغان ، ھەتتا كېچە - كېچىلەپ ئۆيگە قايتمايدىغان ھالغا يەتتى . قارىسىڭىز نۇرغۇن قىزلىرىمىز كېچىسى ئۆيگە قايتماي دېسكوخانا، قاۋاقخانلاردا چوڭ خۇجايىلارغا «ئۈچتە ھەمراھ» بولۇپ پۇل تاپىدىغان بوپكەتتى. بەزى يىگىتلىرىمىز كىچىلىرى كوچىلاردا يالغۇز قالغان «توشقان»لارنى ئوۋلاپ «ئاتالمىش» ھايات پەيزىنى سۈرىدىغان بولدى. يەنە كىلىپ، يېرىم كېچىلەردە غەرق مەست ھالەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان قىز-يىگىتلىرىمىزمۇ كۆپيىپ قالدى.

مەن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 4-،5-سانىدىن( قوشما سان ) مۇنداق بىر جۈملىنى ئوقۇغان: «قىزنىڭ پاكلىقى سەرەڭگە ياغىچىغا ئوخشايدۇ. بىر قېتىملا يانىدۇ.» توغرا، بىر قىز ئۈچۈن قىزلىق ئىپپىتى، پاكلىقى ئەڭ زور بايلىق. گەرچە، ئىنسانلار قولدىن كەتكەن ماددى بايلىقلارنى يەنە قايتۇرۇۋالالىسىمۇ، « قىزلىق ئىپپىتى» دىن ئىبارەت بۇ بايلىقتىن ئايرىلغان قىز-ئاياللار ئۇنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ.

قېنى، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ھەممىمىز ياخشى ئويلاپ باقايلى! بىز ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز كېيىدىغان كىيىم تۇرسىمۇ، يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ئەنىئەنە، ئەخلاق-پەزىلەت، شەرم-ھايالىرىمىزنى ئۇنتۇپ باشقىچە بىر تائىپىگە ئايلىنىپ قېلىشقا قاراپ مېڭىۋاتسا، ئەمدىلا ياشلىققا قەدەم قويغان قىز-يىگىتلىرىمىز يۇقىرىقىدەك يېرىم كېچىلەرگىچە ئۆيگە قايتماي، كەيپ - ساپا ، ئەيش - ئېشرەتلىك تۇرمۇش قاينىمىدا « مەنزىلىنى تاپالماي يۈرگەن قوي پادىسىغا ئوخشاش » لاغايلاپ يۈرسە، بىز قانداقمۇ يەنە ئۇلارغا ئىشىنىپ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى تۇتقۇزۇپ قويالايمىز.


( 3 )


ئەزىز قېرىنداشلار، ئەخلاقتىكى بۇزۇلۇش يالغۇز قىزلاردىلا ئەمەس، ئەرلىرىمىز، يىگىتلىرىمىزدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت . بۇنى يالغۇز بىرتەرەپكىلا ئارتىپ قويۇش ئادىللىق ئەمەس، ئەلۋەتتە.

ئەرلىرىمىزگە، يىگىتلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار كۈندىن-كۈنگە بىخۇدلىشىپ «جان ئالغۇچى ئەزرائىل»— ھاراقنىڭ، خروئىننىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. نۇرغۇن يىگىتلىرىمز، ئەرلىرىمىز ھاراق پاجىئەسىنىڭ قۇربانى بوپكەتتى. جەمئىيەتتە بىكار يۈرگەنلەر بولسۇن، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بولسۇن ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن، بىكار قالسىلا بەش-ئالتىسى بىر يەرگە يىغىلىپ سورۇن تۈزۈپ ، ماز چاقچاقلار بىلەن ھاراق ئىچىش ئومۇمىيۈزلۈك ئادەتكە ئايلاندى. بارا - بارا بۇ سورۇنغا يېڭى تائىپە — قىز - ئاياللارمۇ قوشۇلۇپ، توسقىلى بولمايدىغان ئاجايىپ زور بىر دولقۇننى شەكىللەندۈردى.

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ 2006-يىللىق 4-سانىدىن مۇنداق جۈمىلىنى ئوقۇغانىدىم: « 70 ياشلىق بۇۋاينىڭ بالىلىق بولۇشىغا تەبئىي، ساپ يېمەكلىك سەۋەب بولغان بولسا، 25 ياشلىق قاۋۇل ئەرنىڭ ‹ تۇغماس› بوپقېلىشىغا سۈنئىي يېمەكلىك ۋە ھاراق بوتۇلكىسى سەۋەب بولغان.» بۇ دېمىسىمۇ ناھايىتى توغرا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەرلىرىمىز ئارىسىدا ھاراق ئىچىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان تۈرلۈك جىنسىي كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. يېڭى توي قىلغان نۇرغۇن ياش قىز-يىگىتلەر پەرزەنتلىك بولالماي، سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي بىر-بىرىدىن ئىزدەيدىغان بولدى.

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ2005-يىللىق 1-سانىدىن «ھاراق — كىشىلەر ئۆزى خالاپ ئىچىۋالىدىغان ساراڭلىق دورىسى » دېگەن جۈملىنى ئوقۇغاندىم . قارىغاندا بىز راستىنلا ساراڭ بولۇشقا باشلىغان ئوخشايمىز . بولمىسا ، ئەرلىرىمىز ھاراققا دۈم چۈشۈپ، خروئىننى ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن بەدىنىگە ئۇرۇپ ئۆزىنى قىينايدىغان ، قىز-ئاياللىرىمىز كۈندىن-كۈنگە يالىڭاچلىنىش بىلەنلا قالماي ھاراقكەشلەر سېپىگە قېتىلىمغان بولاتتى. دىمەك،ھازىر بىزدە مىللىي ئەخلاقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى كونىلار ئېيتقان«موللام كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ» دېگەن تەمسىلگە ناھايىتى ماس كېلىدىغان بولۇپ قالدى.

مەن نەچچە رەت تورخانىلارنى ئارىلاپ كىرىپ، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى تورخانىدىن چىقىرىۋەتتىم. تېخى بەزىدە كېچە سائەت 10:00 - 11:00 لەردىمۇ تورخانىدىن چىقىرىۋەتكەن چاغلىرىم بولدى. بەزىدە ئۆيگە كەچ قالغان ۋاقتلىرىمدا، 11:00 -12:00 لەردىمۇ تېخىچە كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرگەن قىز-ئوغۇللارنى كۆردۈم. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇغۇچى، بەزىلىرى جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىكار تەلەپلەر. قارىسام، بەزىلىرى دېسكوخانىلاردىن چىقىۋاتقان ۋە كىرىۋاتقان، بەزىلىرى مەيخانىلارغا كىرىپ كېتىۋاتقان، ھەتتا، بەزىلىرى غەرق مەست ھالەتتە ئۆزىنى باشقۇرالماي يولغا يىقىلىپ چۈشكەن، بەزىلىرى رىشاتكىلارغا يۆلىنىۋالغان. ئىشقىلىپ كۆرگەن ئادەمنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماي قالمايدۇ.

تۇرۇپلا شۇنى ئويلاپ قالىمەن:« ئەجىبا، يېرىم كېچىلەردىمۇ كوچا-كويلاردا لاغايلاپ يۈرگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ ياكى بولسىمۇ ئاشۇ چاغقىچە ئۆيگە قايتمىسا، بۇنچە كەچكىچە نېمىش قىلدىڭ؟ نەگە باردىڭ ؟ دېگەندەك سۇئاللارنى سورىمامدىغاندۇ؟ بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى تۇغۇپ تالاغا تاشلاپ قويسىلا تۈگەمدىغاندۇ؟ »

مانا، ئاتا-ئانىلار نېمە دېسە قىلىپ بېرىپ چوڭ قىلغان، ھەتتا بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن ئوغۇل-قىزلىرى جەمئىيەتكە قەدەم قويماي تۇرۇپ، ھەر خىل ئەيش-ئېشرەتلىك ئىشلارنى ئۆگىنىپ بولدى. ئاشۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنى«بالام مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ياكى سىرتلاردا زادى نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا، ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ياخشىراق ئويلاپ باقسا بولىدۇ:« بىز زادى جەمئىيەتكە قانداق پەرزەنت تەربىيلەپ بەردۇق؟ ئۇلار بىزگە بىلدۈرمەي نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بالىلىرىمىز بىزنىڭ كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقتىمۇ ياكى چىقالمىدىمۇ؟ بىز قانداق قىلساق ۋەتەن، مىللەت ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق پەرزەنت تەربىيلەپ بېرەلەيمىز ؟»

بىز ئەزەلدىن تارتىپ كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ، ئاغزىغا ئىلىم سالغان ئۇستازلىرىنى ئۆز ئاتىسىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەپ كەلگەن. ئەجىبا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل پەزىلەت قەيەرلەرگە يوقالدىكىن ! مەن پات-پات خىزمەتداشلىرىمدىن دەرس ۋاقتىدا بەزى ئەقىلسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە گەپ ياندۇرغىنىنى، ھەتتا قول كۆتۈرگىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن.

مانا،بىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ«ئاجايىپ كارامەتلىرى».بىزدە،«ئۇستاز باققان ئاتىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك» دېگەن گەپ بار ئىدى. قېنى ئۇ ھۆرمەت؟ ئۆز ئاغزىغا ئىلىم سالغان ئۇستازىغا قول كۆتۈرگەن ئادەم قانچىلىك ياخشى كۈن كۆرەر؟ ئەگەر مەكتەپلەردە مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىۋەرسە، ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ خاتىرجەم دەرسكە كىرەلەيدۇ؟

بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلىمىز پەرزەنتلىرىنى ئېسىل ئەنىئەنىۋى ئەخلاق بىلەن تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ئىكەن. بۇ خىل تەربىيلەش ئۇسۇلى تاكى20-ئەسىرنىڭ70-، 80-يىللىرىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كىشىلەر ئىنتايىن ئەدەپ-ئەخلاقلىق چوڭ بولغان. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرىمىز بىر-بىرىنى بىلمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ توي قىلغان ۋە كۆپىنچىسى بىر ئۆمۈر بىر-بىرىگە سادىق بولۇپ ياشىغان ئىكەن ۋە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ھازىر كۆپلىگەن قىز-يىگىتلەر ئىككى-ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلسىمۇ، بىرەر يىل ئۆي تۇتۇپلا ئاجرىشىپ كېتىشكە باشلىدى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن زور.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلەردە تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سەلىبىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئەنىئەنىۋىي مىللىي ئەخلاقتىن ياتلىشىش، ئۆزلىرى تەربىيلەنگەن شۇنداق ياخشى تەربىيلەش ئۇسۇلىغا يات ھالدا پەرزەنت تەربىيلەش ئومۇملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا بالىدىن، بالا ئاتا-ئانىدىن قىلچە ھېيىقمايدىغان ناچار ئىللەت باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پاجىئە تېخىمۇ ئېغىر. ئىچكىرىدىكى قىزلار پاھىشخانىلاردا پۇلدار خۇجايىنلارنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ ، شەرم - ھايانى يوقىتىپ، ئىپپەت - نۇمۇسىنى سېتىش بەدىلىگە كۈن كەچۈرۈپ، ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرسا، ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق گورۇھلىرىنى تەشكىللەپ، ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماقتا. بەزى ئەر- ئاياللار خروئىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەتتا ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا خروئىن يۆتكەپ سېتىپ، مىللىتىمىزنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى، جىسمانىي قۇۋۋىتىنى زەھەرلىمەكتە . يەنە بەزىلىرى نومۇسسىزلارچە كىچىك بالىلارنى ئالداپ سېتىشتىن ئىبارەت«ئادەم بىدىكچىلىكى»بىلەن شۇغۇللىنىپ،خەلقنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا، ۋىجدان - غۇرۇرنىڭ قەدەمدە بىر ئەيىپلىشىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە پەقەت ئۆزىنىلا ئەمەس، پۈتۈن مىللىتىمىزنى يەرگە قارىتىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مېھمانخانا ۋە چوڭ-كىچىك پاھىشخانىلارنىڭ، پاھىشە قىز-ئاياللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن يىگىتلىرىمىز، ئەرلىرىمىز تالاغا قارايدىغان، پات-پات پاھىشىخانىلارنىڭ ئەتراپىنى مارىلايدىغان بولۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرلىك، يىگىتلىك غورۇر يوقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرلۈك جىنسىي كىسەللىكلەرمۇ كۆپەيدى. بۇ ئىشتىن ئاياللار، قىزلار قاتتىق خورلۇق ھىس قىلىشقا، ئەرلىرىدىن، يىگىتلىرىدىن ئاغرىنىپ، ئۇلارمۇ بارا-بارا ئەرلىرىدىن، يىگىتلىرىدىن ئۆگىنىشكە، ئۆزى خالىغان ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاشىنا ئويناپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا باشلىدى . بۇ خىل ئەھۋال تەكرارلىنىۋېرىپ، مانا بۈگۈنكى كۈندە توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر خەۋپكە ئايلىنىپ، بىر توپ ئەخلاقسىزلار قوشۇنى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ۋاپادار ھەمراھىغا، ئۇماق بالىلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان سەتچىلىكلەرنى قىلىپ، ئىناق ئائىلىسىنى خانىۋەيران قىلىپ، سەبىي بالىلارنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتىرمەكتە.

مانا ، پەرزەنتلىرى بۈيۈك بىلىدىغان ئاتا - ئانىلار مۇشۇنداق ئېغىزغا ئالغۇسىز سەتچىلىكلەر، ناچار ئەخلاقسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرسە، ئۇلار بېقىپ چوڭ قىلغان پەرزەنتلەر نېمىلەرنى قىلماقچى ؟ مېنىڭچە ، ھەر قانچە ئېغىر پاجىئە بولسا يۇقىرىقى ئاتا - ئانىلارنىڭ پاجىئەسىدىن ئېغىر بولماس.


خاتىمە


گەپنى يىغسام، كونىلاردا: «چاقنى بۇزغان تانىسى ، قىزنى بۇزغان ئانىسى» دېگەن ماقال بار. چۈنكى، ئانا ھەربىر پەرزەنتنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ تۇنجى تەربىيىچىسى، ئۇستازى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان داڭلىق ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللا پەرزەنت تەربىيلەش ئالدى بىلەن ئانىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بۇندىن بىر ئەسىر ئىلگىرىلا چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «نەسىھەتى ئامما» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئەگەر ئانا بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا، پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيلەيدۇ.مۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ. ھەدىستە:‹ ھەر بىر پەرزەنت توغولۇشتا ئەيپسىز. لېكىن، ئۇنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق› دېيىلگەن.» دېمەك، ئانا ئەخلاق-پەزىلەتلىك، شەرم-ھايالىق، نۇمۇسچان بولسا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەنىئەنىۋىي ئەخلاق- پەزىلىتىدىن ئۇزۇق ئالىدۇ ۋە شەرم - ھايالىق، نۇمۇسچان بولۇپ يېتىلىدۇ. شۇنداقلا، كەلگۈسىدە يۇقىرىقىدەك پاجىئەلەرنى ، ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەلسۆيەر- لەردىن بولۇپ چىقىدۇ.

بىزدە يەنە: «ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بۇ ئانىلارنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئوينايدىغان رولىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ يەكۈنى، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئاتا-ئانىلىرىمىز ئالدى بىلەن ھەر قانداق ئىنسان بولغۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بارلىق پەزىلەتلەرنى ھازىرلاپ چىقالىسا، ئاندىن شۇ ئاساستا ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئەنىئەنىۋىي مىللىي ئەخلاق بىلەن ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ ، ئىلىم-مەرىپەت يولىغا باشلىيالىسا ، پۇل تاپقان بايلار پۇلىنى ئەقىلگە، بىلىمگە مەبلەغ سالالىسا، پەرزەنتلىرىمىز ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاتا-ئانىنى قەدىرلەيدىغان، ئەدەب - ئەخلاق، شەرم - ھايانى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىدىغان، مىللىتمىزنىڭ مەدەنىيىتى، مائارىپى، سەنئىتى، ئەنىئەنىسىنى تېخىمۇ چاقنىتالايدىغان ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقاتتى. مىللىتىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تارىخىدا ھەقىقى تۈردە «مىللەت ئانىسى» دېگەن نامغا مۇناسىپ ئىش قىلالايدىغان قىز-ئاياللىرىمىز، ياراملىق، ئەلسۆيەر، باتۇر ئەركەكلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ چىققان بولاتتى. ئەۋلادلىرىمىزمۇ بۈگۈنكى ناچار ئىللەتلەردىن ئېبرەت ئېلىپ، پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ پاك روھىنى قورۇندۇرمىغان بولاتتى.

بىز جەمئىيەتتكى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەخلاقىمىزنىڭ، ئەنىئەنىمىزنىڭ پاكلىقىنى، ساپلىقىنى قوغدايمىز ۋە ئۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، پەرزەنتلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ مەدەنىيىتىمىز، ئەخلاقىمىز، ئەنىئەنىمىزگە بولغان ئەقىدە ئاساسىدا تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم . بىز ئەزەلدىن ئۆز مەدەنىيىتىمىز، ئەخلاقىمىز، ئەنىئەنىمىزگە بولغان ئەقىدە - ئېتىقادىمىز بىلەن ياشاپ كەلگەن مىللەت . بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئەقىدىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى مۇقەررەر ھالدا يۇقىرىقىدەك ناچار ئىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بىز پەرزەنتلىرىمىزنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ۋەتەن- خەلققە ياراملىق، ئاتا -ئانىغا ۋاپادار بولىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقساق، پەرزەنتلىرىمىز نۇمۇسچان، شەرم-ھايالىق بولۇپ چىقسا نېمىدىگەن ياخشى-ھە ! بۇ يەنە دۆلەت ، جەمئىيەت ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق.

ھۆرمەتلىك خانىم-قىزلار، تارىختىن بۇيان قىز-ئاياللىرىمىز شەرم-ھايا، ئەخلاق-پەزىلەت، ئىپپەت- نومۇسنى ئۈزىنىڭ ياشاش مىزانى قىلپ كەلگەن. شۇنداقلا، شەرم-ھايا، ئەخلاق- پەزىلەت ۋە ئىپپەت-نومۇس ئۆز نۆۋىتىدە قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقى.

ھۆرمەتلىك خانىم-قىزلار، سىلەرنىڭ ئاشۇ ئۇزۇن، كۆركەم، مەجنۇنتال كەبى سۇمبۇل چاچلىرىڭلار سىلەرگە نېمە يامانلىق قىلدى؟ ئالتۇن بىلەن تېگىشكۈسىز مىللىيچە كىيىم- كىچەكلىرىمىز ئالدىڭلاردا نېمە خاتالىق سادىر قىلدى؟ ئەجىبا سىلەر چېچىڭلارنى ئۇزۇن قۇيۇپ، چىرايلىق ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا چىرايلىق تىكىلگەن چىمەن دوپپىلارنى، ئۇزۇن ئەتلەس كۆينەكلەرنى كىيىپ يۈرسەڭلار سىلەرگە شۇنداق يارىشاتتىغۇ؟ نىمىشقا شۇنداق چىرايلىق چاچلارنى كىسىپ بۈدرە قىلدۇرۇپ ھەر خىل رەڭلەردە بوياپ يۈرىدىغانسىلەر؟ ھازىر چىرايلىق تىكىلگەن چىمەن دوپپىلارنى، ئۇزۇن ئەتلەس كۆينەكلەرنى كىيىش پەقەت سەھنە ئارتىسلىرىغىلا خاس بولۇپ قالدىمۇ ياكى مۇزىيخانىلاردىكى كۆرگەزمە بويۇمىلا بولۇپ قالدىمۇ ؟ سىلەر شۇنداق كىيىنسەڭلار نومۇس ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭلارمۇ ؟

قىسقىسى، بىزگە ھازىر«زەھەرلىك تۇمان» ئىچىدىن لەززەت ئىزلەپ، ھاراق بوتۇلكىسىنى ھەمراھ قىلىپ، پاك - غۇبارسىز قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە بەخىت ئىزدەيدىغان نائەھلىلەر ئەمەس ، بەلكى سادىقجان ، ساقىھاجىغا ئوخشاش ئۆزىدە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تىكلىگەن، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، مائارىپىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى «مەجبۇرىيەت» دەپ بىلگەن، خالمۇرات غوپۇر، زەپەر ئابلىزغا ئوخشاش ئۈگەنگەنلىرى ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ تەبئىي پېنىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئوغلانلار كېرەك . بىزگە يەنە تۈرلۈك ئەيش - ئىشرەت سورۇنلىرىدا ئىپپەت- نۇمۇسىنى سېتىش بەدىلىگە يۈزىمىزنى يەرگە قارىتىدىغان، مىللىي ئەخلاقىمىزنى يەرگە ئۇرىدىغان قىز-ئاياللار ئەمەس، بەلكى ، ئادالات قاسىمى ، مەدىنە ئابلىكمگە ئوخشاش ئىلىم-مەرىپەتنى ئۆزىگە يار قىلغان،«بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتەلەيدىغان»، «باسقان ھەر بىر قەدىمى ئارقىلىق جەننەتنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلىشالايدىغان»ئىپپەت- نۇمۇسلۇق قىز - ئاياللار كېرەك . شۇنداقلا يەنە بىزگە كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيلەنگەن، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، خەلقىمىزنىڭ بارلىقى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى دوغا تىكەلەيدىغان قەيسەر، قورقماس، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىلىم- مەرىپەت بەيگىسىدە ھارماي چاپالايدىغان قىز- يىگىتلەر كېرەك. ئەزىز قېرىنداشلار، شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، « ئۆتكەن كۈنىمىزنى ئۇنۇتماي، شىرە-چۇرۇقىمىزنى قۇرۇتماي» ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ پاك روھىنى قورۇندۇرماي ھەقىقى ئۇيغۇردەك ياشايلى! شۇندىلا ، بىز دۇنيا سەھنىسىدە ئۆز ئورنىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايمىز!


( ئاپتور: مەكىت ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتۇش- تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن )