ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرىدىن تاللانما
1. قول قولنى يۇسا،قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ.
2. بېشىڭنى كىم سىلىسىلا ماشايىقىڭ شۇ.
3. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش.
4. ئانايۇرتۇڭ ئامان بولسا،رەڭگىرويىڭ سامان بولماس.
5. ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ.
6. شامالنىڭ ئالدى قۇيۇن، جېدەلنىڭ ئالدى ئويۇن.
7. پالتاچۈشكىچە، كۆتەك دەم ئاپتۇ.
8. موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە.
9. توخوداڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال.
10. يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر.
11. قاغابالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق.
12. ئېشەكنىڭ ئەسكىسى سىيگەك، ئايال كىشىنىڭ ئەسكىسى كۈلگەك.
13. باتۇرئەلدىن چىقار.
14. يالغانگەپ باشنى يارار، باشتىن ئۆتۈپ تاشنى يارار.
15. ھالىڭغاقاراپ ھال تارت، خالتاڭغا قاراپ ئۇن تارت.
16. يېقىندىكىموللام بار موللام، يىراقتىكى موللام دا موللام.
17. ئەلنىڭ كۈلكىسىنى كۈلۈپ،يىغىسىنى يىغلىماق
18. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
19. ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى- بۇرنۇڭنى قان ئېتەر، ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر.
20. كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىدىمۇ بار.
21. بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.
22. ئەلدىن ئەلگە نەپ.
23. كۆزقورققاق، قول باتۇر.
24. ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا.
25. قاش قاسانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.
26. قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا.
27. غازيېمەكچى بولساڭ، ئۆردەكنىڭ پېيىدا بول.
28. خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى.
29. ئارپىسىزئات قىرئاشالماس، ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەس.
30. بارتاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ ئوتتۇرسىدىن سۇن تاۋىقىم.
31. يوچۇقىيوق تامدىن شامال ئۆتمەيدۇ، ئەيىبى ئاز كىشى ماختاش كۈتمەيدۇ.
32. كاۋاپمۇكۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن.
33. ئاغزىكۆيگەن قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
34. توكورنىڭيولى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى ( كۆپ) .
35. دوزاخقائۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشقا كۆنمەپتۇ.
36. ئاغرىقن ىيوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا.
37. دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
38. دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ. دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ.
39. ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر، قوشنىنى كوچىلىساڭ كۆچەر.
40. ئۆزۈڭنىچىڭ تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
41. سەن‹تاز› دېگۈچە، مەن ‹تاز › دەۋالاي.
42. ئالدىرىغانيولدا قالار.
43. پىلبىلەن دوست بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
44. ئېپىكەلسە، سېپى ئۆزىدىن كېلەر.
45. بىلمەسلىكئەيىپ ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىب.
46. بۇلبۇلغاباغ ياخشى، قۇزغۇنقا تاغ.
47. ئەيىبسىزدوست ئىزدىگەن دوستسىز قالار.
48. ئەلگەقوشۇلساڭ ئەر بولۇرسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولۇرسەن.
49. ئاچنىڭدەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى توق بىلمەس.
50. ئۆزئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە.
51. ئانايۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-رويۇڭ سامان بولماس.
52. دەردتۆككۈچە، تەر تۆك.
53. دەردمەننىڭدوستى بولغۇچە، كەتمەننىڭ دوستى بول.
54. ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار.
55. ئانىسىزئائىلىدە ئاش، ئاتىسىز ئائىلىدە ئات بولماس.
56. قۇرۇق قازانغا چۈشكەن چۆمۈچ تورۇڭشىيدۇ.
57. ئاجىزغايۆلەك بولساڭ، باتۇرغا ئايلىنىدۇ. [
58. ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل .
59. يالغۇزئاتنىڭ چېڭى چىقماس، بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس.
60. بارماقنىڭ يانمىقى بار،ئالماقنىڭ بەرمىكى بار.
61. ئەلگەكىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
62. ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى.
63. ئۆمۈرئاتقان ئوق.
64. نادانلىق كىشىنى پەسلەشتۈرىدۇ.
65. بۈگۈنماڭا ، ئەتە ساڭا.
66. يەردېگەن ئالتۇن قوزۇق.
67. ئاقىلدىن ھىممەت ياغار، ناداندىن كۈلپەت ( ياغار)
68. باتۇرداۋاندىنمۇ ئۆتەر،ياماندىنمۇ ئۆتەر.
69. ئاچكۆزگەدەريا سۈيى بىر ئوتلام.
70. ئاچكۆزلۈكئەقىلدىن ئازدۇرار.
71. ئادەم ھاياسى بىلەن، ھايۋان باھاسى بىلەن.
72. باتۇربىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم ئۆلىدۇ.
73. ئىمانىڭ بولمىسىمۇ ئىنساپىڭ بولسۇن.
74. ئىنساپسىزدىن ئىتمۇ قورقار.
75. ئىنساپ بار يەردە بەرىكەت بار.
76. ئىنساپ قىلساڭ كېلەر قەن-گېزەك، نائىنساپتىن قاچار توڭ تېزەك.
77. بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق،بىلىمسىزنىڭ ساپاسى يوق.
78. بىلىملىك كامال تاپۇر، ھۇرۇن زاۋال تاپۇر.
79. بىلىمنىڭ ئۆزى دۆلەت، بىلىمسىزدە قۇرۇق سۆلەت.
80. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن.
81. يات يىگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
82. يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا تېپىشەر.
83. يىراقنى يېقىن قىلغان ئات، ؟
84. تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى، تاماقتىن يامانلىغان قۇرساقنىڭ توقلۇقى.
85. موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
86. ئىمانسىزئادەم رەھىمسىز، بىلىمسىز ئادەم قىلىقسىز.
87. ئاتىسى تىككەن دەرەخ، نەسلىگە سايە بېرەر.
88. جەڭگەبارساڭ. ياراغ ئال، يولغا چىقساڭ ئۇزۇق ئال.
89. بىلىم ئالمىغان ياش ، تام تۈۋىدىكى تاش.
90. بىلىمك پۇلدىن ئەلا، گاداي قۇلدىن.
91. ئەجدادلارئۈچۈن ياش تۆك، ئەۋلادلار ئۈچۈن ياش كۆك.
92. ئېغىزكۆركى تىلدۇر، تىل كۆركى سۆز.
93. پۇت يېرىلسا تۈزىلەر،تىل يېرىلسا ئۈزىلەر.
94. تېرىمىغانغابىر پۇشايمان، ئوقۇمىغانغا 100 يىل پۇشايمان.
95. ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى.
96. ئەقىلسىزغانەسىھەت كېرەك. قارىغوغا ئىشارەت.
97. ئاتىنىڭ تەدبىرى بالىنىڭ تەقدىرى.
98. ئەجدادلارنىڭ تاپىنىدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادلارنىڭ كۆزىگە سانجىلار.
99. چاچنڭ ئۇزۇنى ئۇلاق، سۇنىڭ سۈزىكى بۇلاق. ئايال كىشىنىڭ قولى كۆسەي، چېچى سۈپۈرگە.
100. سەن ئېلىپتەك توغرا بولساڭ، ھېچ بالا يوقتۇر ساڭا، سەن ئېلىپتەك ئەگرى بولساڭ، ھەربالا باردۇر ساڭا.
101. يەرئادەمگە مۇھتاج،ئادەم يەرگە.
102. تېرىغانغايەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر.
103. ئەلنەغمىگەئۇسۇل كېرەك، دېھقانغا ھوسول .
104. ئۇمىچىيوق مازاردىن شەيىخمۇ قېچىپتۇ.
105. كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.
106. دادام مازارغا شەيخ، مەن بىكارغا.
107. ئىليائوۋغا چىقتى، كەينىدىن غوۋغا چىقتى.
108. تاشمايماقنى تاشلاپ قاچ، ئىچ مايماقنىڭ ئېلىپ قاچ.
109. بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن.
110. مېھمانكەلدى، بەرىكەت كەلدى.
111. ئۆزۈڭنېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى بەر.
112. بەزىدەكېلەر مېھمان قۇيۇپ قويغان ئۆپكىدەك، بەزىدە كېلەر مېھمان يۈگۈرۈپ قويۇپ تەپكۈدەك.
113. مېھمان قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاش بولمىقى لازىم.
114. يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن.
115. تۇغۇلغانيېرىڭگە تازىم ئەت.
116. تاغنىڭ تېرىكى يەردە، ئەرنىڭ يۈرىكى ئەلدە.
117. ئالتۇنيەردىن چىقىدۇ، باتۇر ئەلدىن.
118. پادىشاھسىزئەل يىتىم، ئىگىسى يوق يەر يېتىم.
119. ئە لبولساڭ تۇغۇڭنى كۆرسەت، باتۇر بولساڭ جوغۇڭنى.
120. ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى.
121. ئالىم بولغۇچە، ئادەم بول.
122. ئەرقانىتى ئات.
123. ئات جەڭگە كىرسە ئۇيقۇسى ئېچىلار.
124. پادىشاھ چاقىرسا ئالدىغا بار، بولمىسا دالدىغا بار.
125. يەتتەئۆلچەپ بىر كەس.
126. ساقال ئۇستىرىدىن قورقىدۇ،پادىشاھ ساتىراچتىن.
127. پادىشاھ ئادىل، خەلقى قايىل .
128. ئاش تېپىلۇر، سۇ تېپىلۇر، تۇغقان تېپىلماس، بىر تۇتام پاختا بىلەن بويۇڭ يېپىلماس.
129. يارغاجېنىڭنى بەرسەڭمۇ، سىرىڭنى بەرمە.
130. ئەلدىن ئايرىلغۇچە، جاندىن ئايرىل.
131. ۋەتەنسىزئادەم، ھاياتى ماتەم.
132. ئادەمبېشى بىلەن ئەمەس، ئىشى بىلەن ھۆرمەتلىك.
133. ئەتەئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل، مىڭ يىل ياشىغاندەك ئوقەت قىل.
134. قۇل ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭى قالماپتۇ، دېدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى قالماپتۇ.
135. كۆچەتتىكسەڭ پۇتاپ تۇر، تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساك كىتاب كۆر، ئالىم بولىسەن.
136. چىراق يېقىپ يورۇق ئال، كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئال.
137. كىتاب بىلىم بۇلىقى، ئەقىل بىلىم چىرىقى.
138. ھايۋان بالىسىنى باقساڭ، ئاغزى-بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر،ئىنسان بالىسىنى باقساڭ، ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر.
139. ھايۋانىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
140. ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ.
141. ئاتنىڭ تېپىشىگە ئات چىداپتۇ.
142. يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چىۋىن.
143. كالاسۇ ئىچسە،موزاي مۇز يالار.
144. باتۇربىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
145. دەرەخ ئۇچىدىن قېرىيدۇ، ئادەم يىلتىزىدىن.
146. ئازيېگەن كۆپ يەپتۇ.
147. يەرھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، بولمىسا تۈز ھەيدە.
148. قوشناڭدىن تەلىيىڭ كەلمىسە،كۆچۈپ كۆر.
149. تويغابارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار.
150. قاغابالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق.
151. موزاينىڭيۈگۈرىشى سامانلىققىچە.
152. توخوداڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر.
153. سۇنى سەپ سىڭاريەرگە، سۆزنى قىل سىغار يەرگە.
154. شامالنىڭ ئالدى قويۇن،جېدەلنىڭ ئالدى ئويۇن.
155. قوغۇننىڭ ياخشىسى ئۇزۇن پېلەكتە. چىشنىڭ ياخشىسى ئاستىنقى ئېڭەكتە.
156. بېرىلىپ ئاڭلىسا ئەل يېپىشىدۇ،تولا سۆزلىسە خەلق قېچىشىدۇ.
157. توخوئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا.
158. سۇكەلگۈچە توغان سال.
159. تۇغۇلمىغان تاينىڭ دۈمبىسى يېغىر.
160. ئاتنىڭ سۆلىتى يايىسىدا، خورازنىڭ سۆلىتى تاجىسىدا.
161. ئەخلاقنىڭ ئاۋۋىلى كەسىپ، يامانلىقنىڭ بېشى ھورۇنلۇق.
162. بىلىم ئالساڭ تىلىڭ چىقار، ئالمىساڭ يېلىڭ چىقار.
163. سەركەھوشيار بولسا، پادا ئاداشماس.
164.بىلگەن بىلگىنىنى ئىشلەر،بىلمىگەنبارمىقىنى چىشلەر.
165.بىلىملىك باشقا قارايدۇ، بىلىمسىز ئاشقاقارايدۇ .
166.بىلىملىك ئىشىغا ئىشىنەر، نادان چۇشىگەئىشىنەر.
167.بىلىملىك ئوزىنى سورايدۇ ،بىلىمسىزھايۋاننى دورايدۇ.
168.بىلىملىك سەۋر قىلار ،بىلىمسىز جەبىرقىلار
169.بىلىملىك پاراغەتتە ئوتەر ،بىلىمسىز خوشامەتتە ئۆتەر