رىۋايەت قىلنىشچە لوقمان ھېكىم مەشھۇر ئەرەب دانىشمىنى ، تىبابەتچىلىكنڭ تۇنجى ئاتىسى . شەرىق خەلقلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ نامى مەشھۇر ئەۋلىيا سۈپىتىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئىلىندۇ.
* * * * *
1 .كىمگە پەند-نەسھەت قىلساڭ ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
2.دوسـتۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا .
3.دوستتىن پايدا- زىياندا ئىمتھان ئال
4.ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەدىن قاچ.
5.دانا ۋە زىرەك كىشىنى دوسىت تۇت.
6.ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
7.سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.
8.ئاتا -ئانىنى غەنىمەت بىل.
9.ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.
10.بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئىھتىيات قىل.
11.كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىمم بول.كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتىراپىڭغا بىقىپ سۆزلە.
12.ھەر ئىشنى ئاۋال ئويلاپ چارە -تەدبىر بىلەن قىل.
13.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
14.ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاخچاق قىلما.
15.بارماقلىرىڭنى ئېغىز بۇرنۇڭغا تەككۈزمە.
16.ئېيتقان سۆزلۈرۈڭنى تەكىرارلىما.
17.ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
18.ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
19.قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما.
20.باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە-كىرەك يىمە.
21.چوڭلارنىڭ ئالدىدن توغرا ئۆتمە.
22.باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزگە قوشۇق سالما.
23.كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە تۇرما.
-مەنبە : تىل-ئەدەبىيات سەرخىل يانداشما مەشىقلەردىن