نۇھ ئەلەيھىسسالام

ئىككىنچى قىسسە نۇھ ئەلەيھىسسالام

 

1.ئادەم ئاتىدىن كېيىن

 

ﷲئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىپتۇ. مۇبادا ئادەم ئەلەيھىسسالام قايتىدىن دۇنياغا كېلىپ، ئۇلارنى كۆرگەن بولسا ئۇلارنى ھەرگىز تونۇمىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا: «ئى ئادەم، بۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ» دېيىلگەن بولسا، ئۇ: «سۇبھانەللاھ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەۋلادلىرىممۇ؟، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بالىلىرىممۇ؟» دەپ ھەيران قالغان بولاتتى.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى زېمىندا كۆپلىگەن كەنت، يىزا-قىشلاقلارنى، نۇرغۇنلىغان ئۆي-ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپتۇ. دىھقانچىلىق ۋە تىرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.

گەرچە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىسى ئادەمنىڭ دىنىدا بولۇپ، يەككە-يىگانە ﷲغا ئىبادەت قىلىدىكەن ۋە ﷲغا ھىچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەيدىكەن.

ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇممەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەم، پەرۋەردىگارى ﷲئىكەن.


2.شەيتاننىڭ ھەسەتخورلۇقى


بىراق ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بارلىق ئىنسانلارنىڭ يالغۇز بىر ﷲغا ئىبادەت قىلىشىغا ھەرگىز چىدىيالماپتۇ.

شەيتان ھەسەتتىن قىلدەك تولغىنىپتۇ، ئۇ دۈشمەنلىك ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن شۇنداق ئويلاپتۇ:

«ئىنسانلار ھەمىشە يالغۇز بىر ﷲغا ئىبادەت قىلامدۇ؟، ئۇلار ئۇرۇش-ماجرا قىلماي ھەردائىم بىر ئۇممەت بولۇپ ياشامدۇ؟

- ياق، بۇنداق بولسا بولمايدۇ.

ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى جەننەتكە كىرىپ، ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دەۋزەخكە كىرەمدۇ؟

- ياق، بۇنداق بولماسلىقى كىرەك.

ئۇ ئادەمگە سەجدە قىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا ﷲئۇنى ئۆز دەرگاھىدىن قوغلاپ ئۇنىڭغا لەنەت قىلغان. بۇنىڭ ئۇچۈن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە دەۋزەخكە باشلاپ كىرىشى كىرەك.

-توغرا، چوقۇم شۇنداق بولۇشى كىرەك.»

3.شەيتاننىڭ ئويى

شەيتان ئىنسانلارنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشنى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىپ، دەۋزەخكە باشلاپ كىرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. چۈنكى، شەيتان ﷲنىڭ باشقا گۇناھلارنى كەچۈرسىمۇ، بىراق، «ﷲغا شىرىك كەلتۈرۈش جىنايىتى»نى ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىكەن.

شۇڭا ئۇ كىشىلەرنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ﷲغا شىرىك كەلتۈرۈشكە چاقىرماقچى بولۇپتۇ.

بىراق، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ﷲغا ئىبادەت قىلىۋاتقان تۇرسا، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەگەر ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ﷲغا ئىبادەت قىلماي، بۇتلارغا ئىبادەت قىلىڭلار» دېسە، كىشىلەر ئۇنى ئۇرۇپ تىللىمامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار: «ﷲئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!، بىز بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىمىزغا شىرىك كەلتۈرەمدۇق؟ يوقال، سەن ﷲنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغان نىجىس شەيتان ئىكەنسەن» دېمەمدۇ؟

1- شەيتاننىڭ ھىيلىسى

شەيتان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئوبدان بىر يوچۇق تېپىپتۇ.

بىر تۈركۈم تەقۋادار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ﷲغا ئىبادەت قىلىدىكەن، ھەمىشە ﷲنى ياد ئېتىدىكەن.

ئۇلار ﷲنى دوست تۇتىدىكەن، ﷲمۇ ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغان دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدىكەن.

شەيتان بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى بىلىدىكەن.

بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ تەقۋادار كىشىلەر ئۆلۈپ ﷲنىڭ دەرگاھىغا كېتىپتۇ. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان شەيتان دەرھال كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ-دە، ئۆلۈپ كەتكەن ئاشۇ ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ئاراڭلاردىكى پالانى، پالانى قانداق ئادەملەر ئىدى؟» دەپ سوراپتۇ.

- سۇبھانەللاھ، ئۇلار بەك ياخشى ئادملەر ئىدى، ﷲنىڭ دوستلىرى ئىدى، ئەگەر ئۇلار ﷲغا دۇئا قىلسا، ﷲئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلاتتى. ئەگەر ﷲدىن بىر نەرسە تىلىسە، ﷲئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى بىرەتتى- دەپتۇ ئۇلار.

2- ياخشى كىشىلەرنىڭ سۈرىتى

- سىلەر ئۇلارغا قايغۇرامسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ شەيتان كىشىلەردىن.

- شۇنداق، قايغۇرىمىز- دەپتۇ ئۇلار.

- ئۇلارنى سېغىنامسىلەر؟- دەپتۇ سوراپتۇ شەيتان.

- سېغىنىمىز- دەپتۇ ئۇلار.

- ئۇنداقتا نىمشقا ھەر كۈنى ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرمايسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ شەيتان ئۇلاردىن.

- ئۇلار ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇلارنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولسۇن؟- دەپتۇ ئۇلار ھەيران بولۇپ.

- بۇنىڭ چارىسى ئاسان، سىلەر ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ياساپ، ھەر كۈنى ئاشۇ سۈرەتلەرگە قارىساڭلار بولمىدىمۇ؟- دەپتۇ شەيتان ئۇلارغا.

شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئىبلىسنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە، ياخشى كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ياساپ چىقىپتۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىگە قارايدىغان ھەمدە ئاشۇ سۈرەتلەرگە قاراپ ئۇلارنى ئەسلىشىدىغان بولۇپتۇ.

3- سۈرەتتىن ھەيكەلگە

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپتۇ، ئۇلار ئاستا-ئاستا سۈرەتنى ھەيكەلگە ئۆزگەرتىپتۇ. ياخشى كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن ھەيكەللىرىنى ياساپ ئۇنى ئۆي ۋە مەسجىدلەرگە ئورنىتىپتۇ.

شۇنداقتىمۇ ئۇلار ﷲغا ئىبادەت قىلىدىكەن ۋە ﷲغا ھىچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەيدىكەن. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭ ئۆزلىرىگە قىلچىلىك پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە رىزىق بىرەلمەيدىغان، ئادەتتىكى تاشتىن ياسالغان قۇرۇق ھەيكەل ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىكەن.

بىراق، بۇ «ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيكىلى» بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايدىكەن ۋە ئۇلاردىن بەرىكەت ئىزلەيدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇنداق ھەيكەللەر كۈنسىرى كۆپىيىپتۇ. ھەيكەللەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەيكەللەرنى ئۇلۇغلاش ئادىتىمۇ بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىپتۇ.

ھەر قاچان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ياخشى ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، دەرھال ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان بولۇپتۇ.

4- ھەيكەلدىن بۇتلارغا

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپتۇ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئاشۇ ھەيكەللەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭدىن بەرىكەت ئىزلىگەنلىكىنى؛ ئۇنى قوللىرى بىلەن سىلاپ، قۇچاقلاپ سۆيگەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ يېنىدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۆتكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا توختاپ، باشلىرىنى ئېگىپ، دۇئا-تىلەكلىرىنى شۇ يەردە قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چوڭ بولغان ئەۋلادلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىپتۇ.

مانا ئەمدى ئۇلار ئاشۇ ھەيكەللەرگە سەجدە قىلىدىغان، تىلەكلىرىنى شۇلاردىن تىلەپ، قۇربانلىقلىرىنى شۇلارغا ئاتاپ قىلىدىغان بولۇپتۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ ھەيكەللەر بۇتلارغا ئايلىنىپتۇ، بۇتلار بولسا كىشىلەر ئىبادەت قىلىدىغان ئىلاھلارغا ئايلىنىپتۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئېلگىرى ھەقىقى يالغۇز بىر ﷲغا ئىبادەت قىلغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئۆزلىرى تاشتىن ياسىۋالغان يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدىغان بولۇپتۇ.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلاھلار كۈنسىرى كۆپىيىپ بېرىپتۇ. بۇ ئىلاھلارنىڭ بىر قىسىملىرى «ۋەد» «سۇۋائ» «يەغۇس» «يەئۇق» ۋە «نەسرى» دەپ ئاتىلىپتۇ.

5- ﷲنىڭ غەزىبى

ﷲكىشىلەرگە غەزەپ ۋە لەنەت قىلىپتۇ، نىمىشقىمۇ ﷲئۇلارغا غەزەپ ۋە لەنەت قىلمىسۇن؟!

ﷲئۇلارنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقانمۇ؟ ﷲئۇلارغا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن رىزىق بېرەمدۇ؟

- ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.

ئۇلار ﷲنىڭ زېمىنىدا ياشاپ، ﷲنى ئىنكار قىلامدۇ؟ ﷲنىڭ بەرگەن رىزقىنى يەپ، ﷲغا شىرىك كەلتۈرەمدۇ؟

- ياق، بۇنداق قىلىش ئىنساپسىزلىق ۋە تۇزكورلۇق، بەلكى، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغانلىق خالاس.

ﷲنىڭ ئۇلارغا غەزىبى كېلىپ يامغۇرنى توختىتىپتۇ، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بېسىپتۇ، زىرائەتلەر قۇرۇپ، نەسىل ئازلاپتۇ.

بىراق، كىشىلەر ھەقنى چۈشەنمەي، گۇناھىغا تەۋبە قىلماي ئازغۇنلىق ئىچىدە كېتىۋىرىپتۇ.

6- ئەلچى

ﷲئۇلارغا ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدىغان بىر ئادەمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.

چۈنكى، ﷲھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىۋاستە سۆزلىمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنداق قىل، سەن مۇنداق قىل» دېمەيدۇ.

نىمىشقا دەمسىز؟

قېنى ئويلاپ بېقىڭچۇ؟ ئادەتتە پادىشاھلار ۋە دۆلەت باشلىقلىرىمۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىۋاستە سۆزلىمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنداق قىل، سەن مۇنداق قىل» دېمەيدۇ.

پادىشاھلار باشقا ئىنسانلار ئۇلارنى كۆرەلەيدىغان، سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان ۋە ئۇلارغا بىۋاستا سۆزلىيەلەيدىغان ئىنسان.

ئەمما ﷲبولسا باشقا ئىنسانلار ئۇنى كۆرەلمەيدىغان، سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ۋە ئۇنىڭغا بىۋاستە سۆزلەشكە قادىر بولالمايدىغان ئىلاھدۇر.

پادىشاھلار ئىنسان تۇرۇپ شۇنداق قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا ﷲبۇنىڭغا تېخىمۇ ھەقلىق ۋە لايىقدۇر.

شۇنىڭ ئۇچۇن ﷲئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدىغان بىر ئادەمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.

ئىنسانمۇ ياكى پەرىشتىمۇ؟

ﷲبۇ ئەلچىنىڭ كىشىلەر تونۇيدىغان ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان ئىنسان بولۇشىنى ئىرادە قىلىپتۇ.

چۈنكى، ئەگەر ﷲئەۋەتكەن ئەلچى ئىنسان بولماي پەرىشتە بولسا، كىشىلەر: «بىز ئۇنىڭغا ئوخشىمايمىز، ئۇ بولسا پەرىشتە، بىز بولساق ئىنسان، بىز يەپ-ئىچىمىز، بىزنىڭ بالا-چاقىلىرىمىز بار، ئۇنداقتا بىز قانداقمۇ ﷲغا ئىبادەت قىلىمىز؟» دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر ﷲئەۋەتكەن ئەلچى ئىنسان بولسا، ئۇ كىشىلەرگە: «مەنمۇ يەپ-ئىچىمەن، مېنىڭمۇ بالا-چاقىلىرىم بار، شۇنداق تۇرۇپ مەنمۇ ﷲغا ئىبادەت قىلىۋاتىمەن، سىلەر نىمىشقا ﷲغا ئىبادەت قىلمايسىلەر؟» دەپ رەددىيە بىرىدۇ.

ئەگەر ﷲئەۋەتكەن ئەلچى پەرىشتە بولسا، كىشىلەر: «سەن بولساڭ پەرىشتە، سېنىڭ قورسىقىڭ ئاچمايدۇ، ئۇسسىمايسەن، ئاغرىپ قالمايسەن، ئۆلمەيسەن، شۇڭا ﷲغا ئىبادەت قىلىسەن ۋە ھەردائىم ﷲنى ياد ئېتىسەن؛ بىز بولساق ئىنسان، بىزنىڭ قورسىقىمىز ئاچىدۇ، ئۇسسايمىز، ئاغىرىپ قالىمىز ۋە ئۆلۈپ كېتىمىز، ئۇنداقتا قانداقمۇ ﷲغا ئىبادەت قىلىپ، ھەر دائىم ئۇنى ئەسلەپ بولالايمىز؟» دەپ ھەق يولدىن قاچىدۇ.

ئەگەر ﷲئەۋەتكەن ئەلچى ئىنسان بولسا، ئۇ كىشىلەرگە: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان، مېنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش قورسىقىم ئاچىدۇ، ئۇسسايمەن، ئاغرىپ قالىمەن ۋە ئۆلۈپ كېتىمەن، شۇنداق تۇرۇپ مەنمۇ ﷲغا ئىبادەت قىلىپ، ھەردائىم ﷲنى ياد ئېتىمەن» دەپ ئەمەلى پاكىت بىلەن ئۇلارنى مات قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئاغىزى تۇۋاقلىنىپ، كۆرسەتكىلى ھىچقانداق باھانە تاپالمايدۇ.

7.نۇھ ئەلەيھىسسالام

ﷲنۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشنى ئىرادە قىلىپتۇ. گەرچە قەۋمنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم بايلار ۋە كاتىباشلار بولسىمۇ، بىراق، ﷲپەيغەمبەرلىككە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر كىشىنى ئەمەس، بەلكى، نۇھنى تاللاپتۇ.

چۈنكى، ﷲئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى، بۇ ۋەزىپىگە كىمنىڭ لايىق كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئېسىل، سېخى، ئالىيجاناب، ئەقىللىق، سەمىمىي، مىھرىبان، كۆيۈمچان، راستچىل ۋە ئىشەنچلىك كىشى ئىدى. شۇڭا ﷲئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىپ: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمنىڭ ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا پەيغەمبەرمەن» دەپتۇ.

7- قەۋم ئۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاپ بەردى؟

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمنىڭ ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن سادىق پەيغەمبەرمەن» دەپتۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ: «بۇ قاچان پەيغەمبەر بولۇپ قالدى؟ ئۇ تۈنۈگۈنلا ئارىمىزدىكى بىزگە ئوخشاش بىر ئادەم ئىدى، مانا بۈگۈن ‹مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ﷲنىڭ ئەلچىسى› دەۋاتىدۇ» دېيىشىپتۇ.

ئۇنىڭ دوستلىرى: «بۇ كىچىك ۋاقتىدا بىز بىلەن بىللە ئوينايىتتى، ھەر كۈنى بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپاتتى، ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك قاچان كەلگەندۇ؟ كېچىدە كەلگەنمىدۇ ياكى كۈندۈزدىمۇ؟..... » دەپتۇ.

باي ۋە ھاكاۋۇر كىشىلەر: «ئەجىبا ﷲبۇنىڭدىن باشقا ئادەم تاپالمىغانمىدۇ؟ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇ؟ قەۋمنىڭ ئىچىدە موشۇ يالاڭتوشتىن باشقا ئادەم يوقمىدۇ؟» دەپ چالۋاقاپتۇ.

نادانلار بولسا: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئەگەر ﷲ(پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز» دېيىشىپتۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا: «نۇھ موشۇ يول بىلەن ھوقۇق ۋە نوپۇزغا ئىرىشمەكچى» دەپ ئاغىزىغا كەلگەنچە بىلجىرلاپتۇ.

8- نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى ئوتتۇرىسىدا

كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىش توغرا ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىش دەپ قارىغاچقا، تەبىئىكى بۇتلارغا ئىبادەت قىلماسلىقىنى ئازغۇنلۇق ۋە گالۋاڭلىق دەپ چۈشىنەتتى. ھەتتا: «بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇتلارغا ئىبادەت قىلغان تۇرسا، بۇ نۇھ نىمىشقا بۇتلارغا ئىبادەت قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ ئۆز-ئارا سوئال قويۇشاتتى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام بولسا ئەكسچە بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشنى ئازغۇنلىق ۋە گالۋاڭلىق ھېسابلىغاچقا، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنىمۇ ئوخشاشلا زالالەت ۋە ئەخمىقانىلىق دەپ قارايتتى.

چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ تۈنجى ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇتلارغا ئەمەس، بەلكى، ﷲغا ئىبادەت قىلغان. ئەمما بۈگۈن قەۋم ئۆزلىرىنى ياراتقان ﷲغا ئەمەس، بەلكى، تاشتىن ياسالغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ۋە گالۋاڭلىق ئەمەسمۇ؟.

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمنىڭ ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! ﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ﷲدىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» دەپتۇ.

قەۋمىنىڭ چوڭلىرى بولسا: «بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز» دەپتۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا.

«ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ﷲنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىمەن» دەپتۇ نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋابەن.

9- ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ بۇتلارنى تاشلاپ، ﷲغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق، ئاشۇ ئازغىنە بىر قانچە ئادەملەردىن باشقا زور ساندىكى كۆپچىلىك ئىمان كەلتۈرگىلى ئۇنىماپتۇ. يەنە كېلىپ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى قولىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ھالال يول بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى.

ئەمما بايلارنى ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشدىن توسۇپتۇ، ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ھەققىدە ئويلىنىشىغا ئىمكان بەرمەپتۇ، شۇڭا ئۇلار: «بىز بولساق ئېسىلزادىلەر، ئۇلار بولسا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر» دېيىشىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلغان چاغدا، ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەپتۇ ۋە ئاشۇ بىچارىلەرنى قوغلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ.

بىراق، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا: «مەن مۇئمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن»، مېنىڭ دەرۋازام پادىشاھنىڭ دەرۋازىسى ئەمەس، «مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دەپتۇ.

چۈنكى، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاشۇ بىچارە كىشىلەرنىڭ ئىخلاسمەن مۇئمىنلەر ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسە ﷲنىڭ غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىكەن، شۇڭا ئۇ كىشىلەرگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ﷲنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟.» دەپتۇ.

10- بايلارنىڭ باھانىسى

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى بايلار مۇنداق دېيىشىپتۇ:

«نۇھنىڭ بىزنى دەۋەت قىلغىنى چوقۇم ياخشى نەرسە ئەمەس، نىمىشقا دەمسىلەر؟ بىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تەجىربىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئەزەلدىن ھەرقانداق ياخشىلىق بىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئەمەس. مەسىلەن: يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ياخشىسى ھەر دائىم بىزنىڭ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ھەممە ئادەم بۇ جەھەتتە بىزگە ئەگىشىۋاتىدۇ.

دىمەك، بۇ شەھەردە ھەر قانداق ياخشىلىققا ئالدى بىلەن بىز ئىرىشىپ كەلدۇق، ئەگەر نۇھنىڭ دىنىمۇ ياخشى بولغان بولسا، ئاشۇ بىچارىلەردىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بىز ئىرىشكەن بولاتتۇق، «ئەگەر (ئۇ دىن) ياخشى بولغان بولسا ئىدى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دەپتۇ.

11- نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپتۇ ۋە ئۇلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:

«ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن كىشىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، ﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكېچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ﷲنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.»

بىراق، ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلىقى ئۇچۈن، ﷲئۇلارغا غەزەپلىنىپ، يامغۇرنى توخىتىتىپتۇ، زىرائەتلەر قۇرۇپ، نەسىل ئازىيىپ كېتىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەر ﷲغا ئىمان كەلتۈرسەڭلار ﷲسىلەرنى بۇ ئازاپتىن قۇتقۇزىدۇ، سىلەرگە يامغۇر ياغدۇرۇپ، رىزقىڭلارنى كەڭرى قىلىدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنى كۆپەيتىدۇ.»

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دەپتۇ: «سىلەر ﷲنى تونۇمامسىلەر؟ ﷲنىڭ مۆجىزىلىرى كۆز ئالدىڭلاردا رۇشەن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، سىلەر ئۇلارغا قاراپ باقمامسىلەر؟ ئاسمان ۋە زېمىنغا، ئاي ۋە قۇياشقا قارىمامسىلەر؟ ئاسمانلارنى كىم ياراتتى؟ ئاسمانلاردا كىم ئاي ۋە كۈننى نۇر چاچقۇچى چىراق قىلدى؟ سىلەرنى كىم ياراتتى؟ كىم سىلەرگە زېمىننى بىسات قىلىپ بەردى؟»

بىراق، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەقنى چۈشەنمەپتۇ ۋە ئىمان كەلتۈرمەپتۇ. بەلكى، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلغان ھامان ئۇلار قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى چىڭ ئېتىۋاپتۇ.

ئۇلار ھەقنى ئاڭلىمىغان ۋە ئاڭلاشنى خالىمىغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟!


12- نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 950 يىل تۇرۇپ، ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلىپتۇ. بىراق ئۇلار ﷲغا ئىمان كەلتۈرمەي بۇتلارغا ئىبادەت قىلىۋىرىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىنى قاچانغىچە كۈتىدۇ؟ زېمىندىكى بۇزۇقچىلىقلارنى، تاشلارنىڭ مەئبۇد قىلىنىۋاتقانلىقىنى قاچانغىچە كۆرۈپ تۇرىۋىرىدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ﷲبەرگەن رىزىقنى يەپ، ﷲنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىبى ئۆرلەپتۇ، ئۇ قانداقمۇ غەزەپلەنمەي تۇرالىسۇن؟! ئۇ ھلىمۇ بەك كۆپ سەۋر قىلدى، 950 يىل... ، ﷲھەقىقەتەن كاتتادۇر، 950 يىل نىمە دېگەن ئۇزاق ۋاقت-ھە؟

ﷲنۇھ ئەلەيھىسسالامغا: «قەۋمىڭدىن ئىلىگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ» دەپ ۋەھىي قىلىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يەنە بىر قىتىم دەۋەت قىلغان چاغدا، ئۇلار: «ئى نۇھ ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دەپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ﷲغا: «ئى ﷲ، سەن زېمىندا كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ ھايات قالدۇرمىغىن» دەپ دۇئا قىلىپتۇ.

13- كېمە

ﷲنۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق قىلىۋەتمەكچى بولۇپتۇ. بىراق، ئۇلارنى غەرق قىلىۋىتىش بىلەن بىر ۋاقتتا، نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى چوڭ بىر كېمە ياساشقا بۇيرۇپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ياساشقا باشلاپتۇ. قەۋمى ئۇنىڭ كېمە ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «ھەي نۇھ، بۇ ياساۋاتقىنىڭ نىمە؟ سەن قاچاندىن بىرى ياغاچچى بولۇپ قالدىڭ؟ بىز سېنى ئاشۇ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن «ئارىلاشما» دېمىدۇقمۇ؟ بىراق، سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىماي، ياغاچچى، تۆمۈرچىلەر بىلەن ئارىلىشىۋىرىپ، ئاخىرى ياغاچچى بولۇپ قاپسەن ئەمەسمۇ؟

بۇ كېمە قەيەردە ماڭىدۇ؟ سەن تولىمۇ غەلىتە ئىش قىلىدىكەنسەن، كېمەڭنى قۇملۇقتا ھەيدەمسەن ياكى تاغدىمۇ؟ دېڭىز بۇ يەردىن بەك يىراق، ئۇنى جىنلار كۆتۈرەمدۇ ياكى ئۆكۈزلەر سۆرەمدۇ؟» دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھەر خىل مەسخىرىلىك گەپلىرىنى ئاڭلاپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر (ھازىر) بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز» دەپتۇ.


14- توپان


ﷲكاپىرلارغا ۋەدە قىلغان ئازاپ ئاخىرى يېتىپ كەپتۇ، يامغۇر شارقىراپ يېغىشقا باشلاپتۇ، گويا غەلۋىردىن سۇ ئۆتكەندەك يامغۇر توختىماي يېغىۋىرىپتۇ. ئاسماندىن ياغقان يامغۇر بىلەن زېمىندىن ئېتىلىپ چىققان سۇلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان كەلكۈن ئىنسانلارنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپتۇ.

ﷲنۇھ ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىپ، قەۋمى ئىچىدىكى مۇئمىنلەر بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىۋىلىشنى؛ يەنە ھەر قانداق ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشتىن بىر جۈپتىن ئېلىۋىلىشنى ئېيتىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ﷲنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن، مۇئمىنلەرنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەمدە بىر جۈپتىن ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنى كېمىگە سېلىپ تەييارلاپتۇ. كېمە ئۇلارنى ئېلىپ، تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە مېڭىپ كېتىپتۇ.

قەۋم ﷲنىڭ ئازابىدىن قېچىپ، قەيەردە ئىگىز دۆڭلۈك بولسا، شۇ يەرگە يۈگرەپتۇ. بىراق، ئۇلارنى ﷲنىڭ ئازابىدىن كىممۇ قۇتۇلدۇرالىسۇن؟!


15- نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى كاپىرلار بىلەن بىللە ئىدى، ئۇ ئوغلىنى توپان ئىچىدە كۆرۈپ:

- «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىقىۋالغىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن»- دەپ توۋلاپتۇ.

- ياق، «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن»- دەپتۇ ئوغلى.

- «بۈگۈن ﷲرەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ»- دەپتۇ نۇھ ئەلەيھىسسالام.

ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋىتىپتۇ-دە، سۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئوغلىنىڭ بەختسىزلىكى ئۈچۈن قايغۇرۇپتۇ. ئۇ قانداقسىگە ئوغلىغا قايغۇرماي تۇرالىسۇن؟ چۈنكى، بىر ئاتا ئۆز ئوغلىنىڭ قىيامەت كۈنى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىنى خالىمايدۇ-دە.

بىراق، بۈگۈن سۇغا غەرق بولۇپ كېتشتىن ئامان قالمىغان ئادەم قىيامەت كۈنى ئوتقا تاشلىنىشتىن ئامان قالارمۇ؟ ۋەھالەنكى، ئوتنىڭ ئازابى سۇنىڭ ئازابىدىن نەچچە ھەسسە قاتتىقتۇر، يەنى (ئاخىرەتنىڭ ئازابى بۇ دۇنيانىڭ ئازابىدىن نەچچە ھەسسە دەھشەتلىكدۇر).

ﷲنۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ۋەدە قىلغان ئىدى، ﷲنىڭ ۋەدىسى ھەق بولغاچقا، ئۇ ﷲدىن ئوغلىغا نىجاتلىق تىلىمەكچى بولۇپتۇ.


16- ئوغلۇڭ سېنىڭ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس


نۇھ ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دەپتۇ.

بىراق، ﷲنەسەبلەرگە ئەمەس، بەلكى، ئەمەللەرگە قارايدۇ. مۇشرىكلارغا نىجاتلىق ئاتا قىلىش ھەققىدىكى تەلەپنى قۇبۇل قىلمايدۇ. مۇشرىك گەرچە پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى بولسىمۇ، بىراق، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىكى ھىساپلانمايدۇ. شۇڭا ﷲئۇنىڭغا بۇ نوقتىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەپتۇ:

«ئى نۇھ! ئۇ (ئوغلۇڭ مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن».

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ﷲغا تەۋبە قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ، مەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن» دەپتۇ.


توپاندىن كېيىن


ﷲنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئېشىپ، كاپىرلار توپانغا غەرق بولۇپتۇ، يامغۇر توختاپ، سۇلار زېمىنغا سىڭىپتۇ، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ توختاپتۇ، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلىپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام خاتىرجەم ھالدا كېمىدىن چۈشۈشكە بۇيرۇلۇپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن كېمىدىكىلەر خاتىرجەم ھالدا كېمىدىن زېمىنغا چۈشۈپتۇ، كاپىر قەۋمنىڭ ھالاكىتىگە ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچبىر مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات قايغۇرۇپ ياش تۆكمەپتۇ.

ﷲنۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىپتۇ، زېمىن قايتىدىن ئادەملەرگە تولۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر، مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن پەيغەمبەر ۋە پادىشاھلار دۇنياغا كېلىپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن دۇنيا نامىدىن سالام بولسۇن!