سالىھ ئەلەيھىسسالام

تۆرتىنچى قىسسە سالىھ ئەلەيھىسسالام


1-سەمۇد قەۋمى


ئاد قەۋمى ئازغۇنلۇقتا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە «ۋارىسلىق» قىلغاندەك، سەمۇد قەۋمىمۇ ئوخشاشلا ئاد قەۋمى ماڭغان «يول»دىن مېڭىپتۇ.

سەمۇد قەۋمىنىڭ زېمىنى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان گۈزەل ھەم چىرايلىق زېمىن بولۇپ، باغچىلار، بۇلاقلار، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلار بىلەن تولغان ئىكەن.

سەمۇد قەۋمى بىناكارلىق، تىرىقچىلىق ۋە باغ ئەھيا قىلىشتا ئاد قەۋمى بىلەن تەڭ بولسىمۇ، بىراق، ئەقىل ۋە سانائەتتە ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن. چۈنكى، ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئۆيلەرنى ياسايدىكەن، ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەر خىل بەدئى رەسىملەرنى نەقش قىلىپ ئويۇدىكەن.

ئۇلار ئەقىل-پاراسەت ۋە ھۈنەر-سانائەتكە تايىنىپ، تاشلاردىن گويا مومدىن پايدىلانغاندەك پايدىلىنىپتۇ، تاشلارنى خوددى مومنى ئىرىتكەندەك ئىرىتىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياساپتۇ.

ئۇلارنىڭ شەھرىگە كىرگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا-قەسىرلىرىنى كۆرۈپ: «بۇلارنى چوقۇم ئادەملەر ئەمەس، بەلكى، جىنلار بىنا قىلىپتۇ» دەپ ئويلسا؛ تاملارغا ئويۇلغان گۈل-چىچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ: «بۇ ھەرگىز ئويما رەسىم ئەمەس، بەلكى، باھار پەسلىدە مۇنبەت تۇپراقتا ئۈنگەن راست گۈل-چىچەكلەر ئىكەن» دەپ قالىدىكەن.

ﷲسەمۇد قەۋمىگە ئاسمان-زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ئېچىپتۇ، بەلكى، ھەر قانداق ياخشىلىق ۋە بايلىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئۇلارغا كەڭرى ئېچىپتۇ. ئاسمان مول يامغۇر بىلەن، زېمىن گۈل-چىچەكلەر بىلەن، باغلار مىۋە-چىۋىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كۈچ قوشۇپتۇ، ﷲئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىپتۇ.

 

2- سەمۇدنىڭ كاپىرلىقى

 

بىراق، شۇنچە كۆپ نېمەتلەر سەمۇد قەۋمىنى ﷲغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا بولغان قۇلچىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئۈندىمەكتە يوق، ئەكسچە، ئۇلارنىڭ كاپىرلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپتۇ. ئۇلار ﷲنىڭ نېمەتلىرى بىلەن خۇشاللىققا چۈمۈپتۇيۇ، بىراق، ﷲنى ئۇنتۇپ: «بىزدىن كۈچلۈكرەك كىم بار؟» دەپ جار سېلىپتۇ.

ئۇلار: «بىز ھەرگىز ئۆلمەيمىز، جەننەتتەك بۇ گۈزەل ئوردا-قەسىرلىرىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالمايمىز، ئۆلۈم بۇ تاغلارنىڭ قېتىغا ھەرگىز تېشىپ كىرەلمەيدۇ، بىزنىڭ بۇ ماكانىمىز ئۆلۈم ۋە خەۋپتىن خالى، ھەممىدىن بىخەتەر جاي» دەپ ئويلاپتۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ جىلغىلاردا سۇغا غەرق بولۇشى، ھۇد ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ تۈزلەڭلىكتە بوران ئاپىتىنىڭ ھالاكىتىگە دۇچار بولۇشى ئىھتىمال ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئويلاپ تاغنى ماكان قىلىۋىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا كىرەك.


3- بۇتلارغا ئىبادەت قىلىش


ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى، ئازغۇنلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپتۇ، يەنى تاشلارنى ئويۇپ، بۇتلارنى ياساپتۇ. نۇھ ۋە ھۇد ئەلەيھىسسالام قەۋمىلرىگە ئوخشاشلا تاشتىن ياسالغان بۇتلاغا ئىبادەت قىلىشىپتۇ.

ﷲئۇلارنى تاشلاردىن خالىغانچە پايدىلىنالايدىغان «تاشلارنىڭ ھۆكۈمرانى» قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇلار نادانلىقى سەۋەبىدىن تاشلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۆزىنى «تاشلارنىڭ قۇللىرى»غا ئايلاندۇرۇپتۇ.

ﷲئۇلارنى پاك رىزىق بىلەن ئەزىز قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇلار تۇزكۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزىنى خار قىلىپتۇ.

«شۈبھىسىزكى، ﷲئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لىكىن ئىنسانلار (كۇپرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ»

توۋا، ئۇلار تاشنى ئۆز قولى بىلەن ئويۇپ، ئۇنىڭدىن بۇتلانى ياسايدۇ-يۇ، بىراق، ئۆزى ياسىغان بۇتقا يەنە ئۆزى ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ.

كۈچلۈكنىڭ ئاجىزغا ئىبادەت قىلىشى، خوجايىننىڭ قۇلغا باش ئۇرۇشى نىمە دېگەن ئەخمىقانىلىق-ھە؟!، ئۇلار ﷲغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن ﷲئۇلارنى تېخىمۇ خار ۋە بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ.


4- سالىھ ئەلەيھىسسالام


ﷲبەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇپ، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن نۇھ ۋە ھۇد ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئەلچى ئەۋەتكەندەك، ئۇلارغىمۇ ئەلچى ئەۋەتىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.

قەۋم ئىچىدە شەرەپلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، ساغلام ئەقىل بىلەن چوڭ بولغان سالىھ ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىدى، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل ئىدى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالاتتى.

كىشىلەر راستلا ئۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتەتتى، ھەتتا: «ئۇزاققا قالماي سالىھ كاتتا ئادەم بولىدۇ، ئۇ ئارىمىزدىكى ئاقسوڭەك بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ ئېسىل ئۆي-ئىمارەتلىرى، گۈزەل باغۇ-بوستانلىرى بولىدۇ» دېيىشەتتى.

ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىدىن پەخىرلىنىپ: «ئوغلىمىز كەلگۈسىدە چوقۇم نورغۇن پۇل تاپىدۇ، ئەگەر ئۇ ئاتقا مىنىپ سىرتقا چىقسا، ئۇنىڭ كەينىدە نورغۇنلىغان خىزمەتچى-چاكارلىرى بولىدۇ، ئادەملەر ئۇنىڭغا ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلدۈرۈپ ‹بۇ پالانىنىڭ ئوغلى›دېسە، بىز ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ بولىدۇ» دېيىشەتتى.

ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ «شىرىن چۈش»ى ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇلار نەقەدەر خۇشاللانغان بولار ئىدى-ھە!. ئەگەر ئۇلار ئادەملەرنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئېيتقان ماختاشلىرىنى ئاڭلىغان بولسا، خۇشاللىقتىن ئۇلارنىڭ بېشى كۆككە تاقاشقاندەك بولماسمىدى؟

بىراق، ﷲباشقا بىر ئىشنى ئىرادە قىلىپتۇ، يەنى كىشىلەرنى زۇلمەتتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆز قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنى پەپغەمبەرلىك شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلىشنى ئىرادە قىلىپتۇ.

ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن يۇقىرى شان-شەرەپ، بۇنىڭدىن ئۈستۈن ھۆرمەت-ئىكرام نەدە بولسۇن؟!


4- سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى


سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: « ئى قەۋمىم! ﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ﷲدىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر» دەپتۇ.

بايلار يەپ-ئىچىش ۋە ئويۇن-تاماشا بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ﷲنى ئۇنتۇپ، بۇتلارغا ئىبادەت قىلاتتى. بۇتلاردىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتى، شۇڭا ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىشىپتۇ.

- تاققا-تۇققا سۆزلەۋاتقان كىم ئۇ؟- دەپتۇ بايلار غەزەپلىنىپ.

- سالىھ دېگەن كىشى- دېىيىشىپتۇ چاكارلىرى.

- ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ؟

- ﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ﷲدىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەرگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ، مەن ﷲنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى- دەۋاتىدۇ.

- بچارە- دېيىشىپتۇ بايلار ۋە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشۈپتۇ.

- مۇشۇ ئەلچى بولامدۇ؟ يا ئۇنىڭ ئوردا-ساراي، باغۇ-بوستانلىرى بولمىسا، يا تىرىلغۇ يېرى ۋە تۈزۈكرەك پۇل-مېلى بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ ئەلچى دېگىلى بولسۇن؟!- دەپ سالىھنى ئىنكار قىلىشىپتۇ.


5- بايلارنىڭ ساختا تەشۋىقاتى


بايلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق ۋە نۇپۇزىنىڭ دەخلى-تەرىزگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ سالىھ ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا يالغان-ياۋداق گەپلەرنى تارقىتىپ مۇنداق دېيىشىپتۇ:

«بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇسىلەر. ئۇ سىلەرنى سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟ ياق، سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر. بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز، ئۇ پەقەت ﷲنامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز.»


6- بىز خاتا ئويلاپتىكەنمىز


كىشىلەر سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن باش تارتىپتۇ. ئۇ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن چەكلىگەن چاغدا، ئۇلار مۇنداق دەپتۇ:

«ئى سالىھ، سەن كىچىك ۋاقتىڭدا تولىمۇ ئەقىللىق بالا ئىدىڭ. بىز كەلگۈسىدە سېنى قولدىن ئىش كىلىدىغان كاتتا ئادەملەردىن بولىدۇ دەپ ئويلايتتۇق، بىراق، سەن ئۇنداق بولالمىدىڭ، ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ھازىر بايلىقتا سەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، سەن ھەقىقەتەن تەڭتۈشلىرىڭنىڭ كەينىدە قالدىڭ، سەن نامراتلىق يولىنى تۇتۇۋىلىپ، بىزنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىمىزنى يەردە قويدۇڭ، بىز سەن توغرىلىق ھەقىقەتەن خاتا ئويلاپتىكەنمىز، بىچارە ئاتا-ئاناڭغا ئۇۋال، سەن ئۇلارنىڭ ساڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىنى بىكار قىلدىڭ!»

سالىھ ئەلەيھىسسالام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، قەۋمىنىڭ نادان ۋە ئاڭسىزلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپتۇ. ئۇ ھەر قىتىم قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار: «سالىھنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇۋال، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتتى» دېيىشىپتۇ.


7- سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھىتى


سالىھ ئەلەيھىسسالام ھەمىشە قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپتۇ، ئۇلارنى سەمىمىيلىك ۋە مىھرىبانلىق بىلەن ﷲتەرەپكە دەۋەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:

«ئى قېرىنداشلىرىم سىلەر ئۆزۈڭلارنى مۇشۇ ئوردا-سارايلاردا مەڭگۈ تۇرىمىز، ئۆلمەي مەڭگۈ ياشايمىز دەپ ئويلامسىلەر؟، مۇشۇ باغۇ-بوستانلاردىن، زىرائەت ۋە دەل-دەرەخلەردىن مەڭگۈ پايدىلىنىمىز دەپ خىيال قىلامسىلەر؟، شۇڭلاشقا تاغلارنى تېشىپ ئۆي-ئىمارەت سالامسىلەر؟، ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر.

قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ ئاتا-ئاناڭلار نىمىشقا ئۆلۈپ كەتتى؟ ئۇلارنىڭمۇ ئوردا-سارايلىرى، باغۇ-بوستانلىقلىرى، باغچا-بۇلاقلىرى، ئىكىنزارلىق ۋە خورمىزارلىقلىرى بار ئىدى. ئۇلارمۇ تاغلارنى تېشىپ ئۆي-ئىمارەتلەرنى سالغان ئىدى، بۇ بايلىقلار ئۇلارغا پايدا بەردىمۇ؟، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالىدىمۇ؟

ياق، ئۇنداق قىلالمىدى، ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلگەن چاغدا، ئۇلار شەرتسىز جان تەسلىم قىلدى. ئەجىلىڭلار كەلگەن چاغدا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا ئۆلىسىلەر. ﷲسىلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ مۇشۇ نېمەتلەر ئۈچۈن سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ.»


8- مەن سىلەردىن ھەق ئالمايمەن


«ئى قېرىنداشلىرىم! سىلەر نىمىشقا مەندىن قاچىسىلەر؟، سىلەر نىمە دەپ مەندىن قورقىسىلەر؟، مەن سىلەرنىڭ پۇل-مېلىڭلارنى ئېلىۋالمايمەن، سىلەردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمايمەن، مەن پەقەت سىلەرگە نەسىھەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ‹تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن›.

قېرىنداشلىرىم! مەن سىلەرگە سەمىمىيلىك بىلەن نەسىھەت قىلىۋاتقان تۇرسام، نىمىشقا مېنىڭ نەسىھىتىمگە كىرمەيسىلەر؟، سىلەر نىمىشقا كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان؛ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىسلاھ قىلمايدىغان كىشىلەرگە نىمىشقا ئىتائەت قىلىسىلەر؟»

قەۋم سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن.»


9- ﷲنىڭ تۆگىسى


سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن: «سىلەرگە قانداق مۆجىزە» كىرەك دەپ سوراپتۇ.

ئۇلار: «ئەگەر سەن راستلا پەيغەمبەر بولساڭ، ئۇنداقتا، مۇنۇ تاغدىن بىر بوغاز تۆگە چىقارغىن، تۆگە كۆز ئالدىمىزدىلا تۇغسۇن» دەپتۇ.

ھەممىگە ئايانكى، تۆگە تۇپراقتىن ياكى تاشتىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، بەلكى، تۆگىدىن تۇغۇلىدۇ. شۇڭا ئۇلاربۇ ئارقىلىق سالىھنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى ۋە ئۆزلىرىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماقچى بولۇپتۇ.

سالىھ ئەلەيھىسسالام ﷲنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىشەنگەچكە، ﷲغا دۇئا قىلىپ، كىشىلەر ئوتتۇرغا قويغان تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشنى تىلەپتۇ. ﷲئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپتۇ، تاغدىن بىر بوغاز تۆگە چىقىپ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا بوتىلاقلاپتۇ. كىشىلەر ھەيرانلىقتىن ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقىسى ئىمان كەلتۈرمەپتۇ.


10- نۆۋەتلىشىش


سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ: «بۇ ﷲنىڭ تۆگىسى، ﷲنىڭ مۆجىزىسى، سىلەرنىڭ تەلۋىڭلارغا ئاساسەن ﷲئۇنى سىلەرگە يارىتىپ بەردى. شۇڭا سىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەڭلار، ‹ ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر.›

بۇ ﷲنىڭ تۆگىسى، ئۇ ﷲنىڭ زېمىنىدا ئوتلايدۇ، ﷲياراتقان ئوت-چۆپلەرنى يەيدۇ. سىلەرنىڭ ئۇنى بېقىشىڭلار ۋە سۇغىرىشىڭلار ھاجەتسىز، شۇڭا ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار.»

تۆگە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە شەكلى ئۆزگىچە ئىدى، شۇڭا قەۋمنىڭ چارۋا-ماللىرى ئۇنىڭدىن ئۈركۈپ قاچاتتى. بىر كۈنى ئۇ تۆگە سۇ ئىچكىلى كېلىۋىدى، قەۋمنىڭ چارۋىلىرى ئۈركۈپ قاچتى.

سالىھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: «بۇ تۆگە بىلەن سىلەرنىڭ چارۋىلىرىڭلار نۆۋەت بويچە سۇ ئىچسۇن، تۆگىنىڭ نۆۋىتىدە تۆگە ئىچسۇن، سىلەرنىڭ نۆۋىتىڭلاردا سىلەر سۇغىرىڭلار، بۇ تەرتىپكە خىلاپلىق قىلماڭلار» دەپتۇ.


11- سەمۇدنىڭ ئاسىيلىقى


بىراق، قەۋم ھاكاۋۇرلۇق ۋە يوغانچىلىق قىلىپ: «نىمىشقا بىزنىڭ چارۋىلىرىمىز ھەركۈنى سۇ ئىچمىگۈدەك؟، نىمىشقا ئۇ تۆگە بىلەن نۆۋەتلىشىپ سۇغارغۇدەكمىز؟» دەپ داۋراك سېلىشىپتۇ.

ئۇلار چارۋىلىرنى ئۈركۈتۈپ قاچۇرۇۋەتكەن بۇ تۆگىدىن جاق تويۇپتۇ. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئاللىقاچان ئۇلارنى بۇ تۆگىكە يامانلىق قىلىپ قويۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە توسقان ئىدى، ئەمما، ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۇنتۇپ، بۇ تۆگىنى ئۆلتۆرۈۋېتىش قارارىغا كېلىشىپتۇ.

- تۆگىنى كىم ئۆلتۈرىدۇ؟- دەپتۇ ئۇلار.

- مەن ئۆلتۆرەي- دەپتۇ بىرەيلەن ۋە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، يەنە بىرەيلەنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى بەختسىز تۆگىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، تۆگە چىققان ھامان بىرىنچىسى ئۇنىڭغا ئوق ئېتىپتۇ، ئىككىنچىسى ئۇنى بوغۇزلاپ، ﷲنىڭ تۆگىسىنى ئۆلتۆرۈپتۇ.


12- ئازاپ


سالىھ ئەلەيھىسسالام تۆگىنىڭ ئۆلتۆرۈلگەنلىكىنى بىلىپ، قاتتىق ئەپسۇسلىنىپتۇ ۋە قايغۇرۇپ كىشىلەرگە مۇنداق دەپتۇ: «سىلەر ئۆيۈڭلاردا (ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، بۇ ۋەدە يالغان ئەمەس».

شەھەردە توققۇز ئادەم بار ئىدى، ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلاتتى، ھەرگىز ياخشى ئىش قىلمايتتى. ئۇلار: «بىز سالىھ ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىنى كىچىدە بېرىپ ئۆلتۆرۈۋېتەيلى، ئەگەر باشقىلار بۇ ھەقتە سوراپ قالسا، بىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋرىمىز يوق دەيلى» دەپ مەسلىھەت قىلىشىپتۇ.

ئۈچىنچى كۈنى راستلا ﷲنىڭ ئازابى يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ھەر كۈندىكى ئادىتى بويچە تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقاندا، دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن تەك قاتتىق يەر تەۋرەپ قەۋم ھالاك بولۇپتۇ، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ.

كاپىر قەۋم ئۆلۈپ، شەھەر خارابىلىققا ئايلىنىپتۇ.

سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر بۇ بەختسىز شەھەردىن چىقىپ كېتىپتۇ. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۆلۈك ياتقان قەۋمىگە قاراپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دەپتۇ.

مانا بۈگۈن ئاشۇ جايلاردا پەقەت خارابىلىق ئىزنالىرىدىن باشقا ھىچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامغا ماڭغان سەپىرىدە سەمۇد قەۋمى ياشىغان جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ساھابىلىرىگە: «ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بۇ ئادەملەرنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرمەڭلار، ئەگەر كىرىپ قالساڭلار، يىغلىغان ھالەتتە كىرىڭلار، بولمىسا ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت سىلەرگىمۇ يېتىپ قىلىشى مومكىن» دېگەن ئىدى.

«سەمۇد پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن!»